ئىككى ئائىلىنىڭ «يېقىن تۇغقىنى»

日期:2024年01月09日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى

«ئىنىم، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، مېنىڭ بۇ بىرنەچچە ئېغىز ئۇيغۇرچە گېپىمنى ئاڭلاپ بېقىڭە، ئۆلچەملىك دېيەلىدىممۇ؟»

«ھا، ھا، ئاكا، يارايسىز، بەك ئۆلچەملىك دېدىڭىز، ياخشى!»

1-ئاينىڭ 3-كۈنى، جېڭ چۈنلىڭ ئوبۇلقاسىم ئابلىز بىلەن تېلېفوندا خۇشال-خۇرام ئەھۋاللاشتى. «ھازىر مەھەللىدەياشانغانلار دائىم مېنى تونۇۋالىدۇ، قەلبىم ئىللىپلا كېتىدۇ» دېدى ئوبۇلقاسىم.

ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالغان ئوبۇلقاسىم ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەيگە مەيدانى كوچا باشقارمىسى بەيگە مەيدانى شەرقىي مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەنقانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ئائىلىلىك «تۇغقانلىرى»نىڭ بىر-بىرىگە ھەمتۈرتكە بولۇپ ئۆزئارائارىلاشقانھېكايىسى مەھەللە ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە.

«ئەگەر ئوبۇلقاسىمنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بولمىغان بولسا، ياخشى كۈنلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىبىلمىگەن بولاتتىم»دېدى 60 ياشلىق جېڭ چۈنلىڭ.

ئەينى يىلى، جېڭ چۈنلىڭ خېنەندىكى بىريېزىسىدىن بەيگە مەيدانى شەرقىي مەھەللىسىگە كېلىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدۇ ۋە ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى تېپىپ ئىشلەيدۇ. ئوقۇش تارىخى، بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولمىغاچقا، ئۇ تەرەپ-تەرەپتىن خىزمەت ئىزدىگەن بولسىمۇ، ھەممىلا يەردە رەت قىلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئوغلىنى يەنىلا ئوقۇتىدۇ، ئۆيىدە دائىم دېگۈدەك قازان قاينىمايدۇ. مۇشۇنداق كۈنلەر داۋاملىشىپجېڭ چۈنلىڭنى ھالىدىن كەتكۈزۈۋېتىدۇ.

ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش داۋامىداتونۇشقاندىن كېيىن، ئوبۇلقاسىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن جېڭ چۈنلىڭ بىلەن تۇغقانلىشىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئۇنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرماقچى بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا، مەھەللە ئامانلىق ساقلاش ياردەمچى خادىمى قوبۇل قىلماقچى بولغان بولۇپ، ئوبۇلقاسىم جېڭ چۈنلىڭغا ياردەملىشىپتىزىملىتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، جېڭ چۈنلىڭمۇقىم كىرىملىك بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روھىمۇ كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

بىر قېتىم، جېڭ چۈنلىڭ ئۆگزىدىكى قارلارنى تازىلاۋاتقاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ بىلىكى يارىلىنىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئوبۇلقاسىمجېڭ چۈنلىڭنىدەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىدۇ ھەم مەھەللە رەھبەرلىرىگە ئەھۋالنى دوكلات قىلىپ، مەھەللىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىجېڭ چۈنلىڭغا پۇل ئىئانە قىلىشقا تەشكىللەيدۇ. كېيىن، ئوبۇلقاسىم يەنە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچەقاتىراپ جېڭ چۈنلىڭگە ئۆزى ئۆيسېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىبېجىرىپ بېرىدۇ. «خىزمىتىممۇ، ئۆيۈممۇ بار بولدى،يېقىن تۇغقىنىمنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقىنى ئۆمۈر بويى قايتۇرۇپ بولالمايمەن»دېدى جېڭ چۈنلىڭ.

50 ياشلىق شيا شوۋيىڭمۇ ئوبۇلقاسىمنىڭ «يېقىن تۇغقىنى». ئەر-خوتۇن ئىككىيلەنئۈچ بالىنى باقىدىغان بولغاچقا، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى، روھىي ھالىتىمۇ ناچار، ئۈمىدسىز ئىدى، مەھەللىدە تونۇش-بىلىشلەرنى كۆرسىمۇ ئانچە سالام قىلمايتتى.

«بىر ئائىلىدە قىيىنچىلىق بولسا، كۆپچىلىك تەڭ ئۈستىگە ئالسا، قىيىنچىلىق يېنىكلەيدۇ.»تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگەكىرىپ زىيارەت قىلغاندا، ئوبۇلقاسىمنىڭ بۇ ئىللىق سۆزلىرىنى شيا شوۋيىڭ بىلەن ئېرى مۇنداقلا قىلىپ دەپ قويغان تەكەللۇپ سۆزى دەپ بىلىدۇ. ئۇ دائىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپپارتىيەنىڭ ياردەم بېرىش-يۆلەش سىياسىتىنى يەتكۈزىدۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، ھېيت-بايراملاردا بولسا يېڭى كىيىم، يېڭى يوتقان، يېڭى يوتقان قاپلىرىنىئەكىرىپ بېرىدۇ... ئاز-ئازدىن قىلىنغان ئىللىقلىق شيا شوۋيىڭ ئەر-خوتۇننىڭ ئوبۇلقاسىمغا بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى تۈگىتىدۇ. ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللە پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ئوبۇلقاسىم بىلەن بىللە، دائىم مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى رېمونت قىلىپ بېرىدۇ، ئەخلەتلەرنى توشۇپ، بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى تازىلايدۇ.

ئالدىنقى يىللاردا، ئوبۇلقاسىم شيا شوۋيىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېرىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تازىلىق ئىشچىسىۋە ئامانلىق ساقلاش خادىمىخىزمىتىنى تېپىپ بېرىدۇ. «يېقىن تۇغقىنىمىزبىلەن تونۇشقىنىمىزغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئۇ بىزگە ئەقىل كۆرسىتىپ، خىزمەت تېپىپ بەردى، ھازىر ئائىلىمىزدىكىلەر ھەممىمىزنىڭ قىلىدىغان خىزمىتىمىز بار، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كەتتى.»ئوبۇلقاسىمنى تىلغا ئېلىپ شيا شوۋيىڭنىڭ كۆز چاناقلىرى نەملەشنى.

10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەر قېتىم باھار بايرىمى، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، جۇڭچيۇ بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا جېڭ چۈنلىڭ، شيا شوۋيىڭ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئوبۇلقاسىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بىللە بايرام ئۆتكۈزۈشكەقىزغىنلىق بىلەنتەكلىپ قىلىدۇ.

«بۇ يىللاردا، مەن يەنە نۇرغۇن تۇغقان تۇتتۇم. كۆپچىلىك ئېجىل-ئىناق ئۆتۈپ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىرلىكتە ئامال تاپتۇق، بېيىش يولىدا تەڭ ماڭدۇق، بۇ كۈنلىرىمىز تولىمۇ مەنىلىك ئۆتتى!»دېدى ئوبۇلقاسىم.

«شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى