«بىز بار، سىز خاتىرجەم ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇڭ»

日期:2023年11月09日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى جيانى خەۋەر قىلىدۇ) «ھېلىمۇ ياخشى سىلەر دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردىڭلار، ئۇنداق قىلمىغان بولساڭلار، بارماقلىرىمنى ساقلاپ قالالمايتتىم.» 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا، مەمەت قادىر ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ۋەن لىنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

10-ئاينىڭ 25-كۈنى، ۋەن لى (سولدا) كەنت ئاھالىسى مەمەت (ئوڭدا)نىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. جاۋ رۇي فوتوسى

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسى تۆۋەن ھويلا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مەمەت دېھقانچىلىق قىلىۋاتقاندا مەشغۇلاتنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشى سەۋەبىدىن ئوڭ قولىنىڭ ئۈچ بارمىقىنى دېھقانچىلىق ماشىنىسى يۆگەپ ئەكىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ۋەن لى بىلەن كەنت كادىرلىرى نەق مەيدانغا تېزدىن يېتىپ باردى.

«ماشىنىغا قىسىلىپ قېلىپ يارىلانغان قولغا قاراپ، ئىككىنچى قېتىملىق يارىلىنىش كېلىپ چىقىشتىن ئەنسىرىدىم.» ۋەن لىنىڭ دېيىشىچە، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى، تېببىي خادىملار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، كۆپچىلىك تېببىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سايمان ئىزدەپ ماشىنىنى چۇۋۇپئېچىپ، ئۈزۈلگەن بارماقلارنى ئىزدەپ تاپتى، كەنت دوختۇرىغا جىددىي بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى تەييارلاشنى ئېيتتى.

ئۈزۈلگەن بارماقلارنى كۆچۈرۈش دەل ۋاقىت بىلەن مۇسابىقىلەشكەنلىك بولۇپ، ئەگەر قان يېتىشمىگەن ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، بارماقنى كۆچۈرۈپ تۇتقۇزۇش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولاتتى، ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى يۇقۇملىنىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولاتتى. يېڭىسار ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۈزۈلگەن بارماقنى قايتىدىن ئۇلاش ئوپېراتسىيەسى شارائىتىنى ھازىرلىمىغان بولغاچقا، مەمەت بۇ دوختۇرخانىنىڭ دىياگنوز بۆلۈمىدا ئاددىي ھالدا تازىلىتىپ تاڭدۇرغاندىن كېيىن، بىر قانچە كىشى ئۇنى دەرھال قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردى، ئۈچ سائەتئوپېراتسىيە قىلىش ئارقىلىق، ئۈچ تال بارماق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇلاندى.

يارىلانغان ۋاقىتتىكى يارىلىنىش ئېغىر بولغاچقا، مەمەتنىڭ بىر تال بارمىقىنى يەنە ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلەتتى، ۋەن لى مۇنداق دېدى: «بىز بار، سىز خاتىرجەم ھالدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇڭ، ئۆيىڭىزنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىن ئەنسىرىمەڭ».

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مەمەتنىڭ قالغان ئىككى بارمىقىنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولغان، كېيىنكى مەزگىلدە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشقىنى كۈچەيتكەندە، يارىلانغان بارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنىئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.