ئانارگۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى丨«بىز ئۆمۈرلۈك ياخشى تۇغقانلاردىن بولىمىز»

日期:2023年08月14日
来源:天山网
【字体:

7-ئاينىڭ 30-كۈنى يەكشەنبە، دۆلەت باج باش ئىدارىسى كۇيتۈن-مايتاغ ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ۋاڭ چۈن دەم ئالمىغانىدى. ئەتىگەندە سائەتنىڭ جىرىڭلىشى بىلەن، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ ئىنىسى ئەلىمجان قاناخاتنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئاپتوموبىلدا ھەر خىل يېمەكلىك ۋە كىتابلاردىن باشقا، ئۇ يەنە ئوغلى ۋە ئىككى خىزمەتدىشىنى ئېلىۋالغانىدى. ئۇلار ئەلىمجاننىڭ ئۆيىگە بىللە بېرىپ ئىشىغا ياردەملەشمەكچى ئىدى.

ئەلىمجەن ئۆيدە يوق ئىدى. ۋاڭ چۈن تۆتەيلەن ئاۋۋال ھويلىنى تازىلاپ، ئاندىن كۆكتاتلىقتىكى كاۋا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ياۋا ئوتلىرىنى ئوتىدى، سۇغاردى، بۇ ئىشلارنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئەلىمجاننىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

«ئاكامنىڭ ئىنگلىز تىلى نەتىجىسى كۆتۈرۈلمەيۋاتىدۇ، مەن ماقالىنى ياخشى يازالمايمەن، دادام، ئاپام كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئالدىراش ئىشلەيدۇ، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە قارىغۇدەك ۋاقتى يوق، ھېلىمۇ ياخشى ۋاڭ ئاچامبىزگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ» دېدى ئەلىمجاننىڭ قىزى قۇرالاي ئەلىمجان.

ئەلىمجان بىر ئائىلە كىشىلىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۇيتۈن شەھىرى كەيگەنچى يېزىسى گاۋگېداچۈەن كەنتىدە تۇرىدۇ. ئادەتتە، ئۇ ئائىلىسىنىڭ 40 مو يېرىگە ئىشلەش، چارۋا بېقىش بىلەن ئالدىراش ئۆتىدۇ، خوتۇنى جېڭىسگۈل داۋۇت مۇھىت تازىلىقى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت، بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ھويلىسىدىكى كۆكتات، ئۈزۈم تاللىرىنى پەرۋىش قىلىدۇ.

بۇلتۇر 1-ئايدا، ۋاڭ چۈن ئەلىمجان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇغقانلاشتى. ئېتىزغا بېرىپ ئەمگەك قىلىش، تاماققا ياردەملىشىش، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش... بوش ۋاقتى بولسىلا، ۋاڭ چۈن ئەلىمجاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ياردەملىشىدۇ. بېرىش-كېلىشى كۆپەيگەنسېرى، ئەلىمجان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېقىن بولۇپ كەتتى.

«ئۇنىڭ گېپى ئوچۇق، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىمۇ ياخشى قىلىدۇ، كىبىرى يوق، بولۇپمۇ كۈزدە قوي-كالىلار ئوتلاق كۆچكەندە، ئۇ بىزگە چوڭ ياردەم قىلىدۇ» دېدى ئەلىمجان. «خوتۇنۇم جېڭىسگۈلنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، نەچچە قېتىم ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى، ئۆزۈم تاغدا چارۋا بېقىۋاتقاچقا، ھالىدىن خەۋەر ئالالمىدىم، ھەر قېتىم ۋاڭ چۈن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، يەنە ئىككى بالامنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ تاماق ئېتىپ بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ئۇلارنى ئۆيىدە قوندۇردى.

«بۇ يىل 3-ئايدا، قىزىم ساۋاقدىشى بىلەن قىزىرىشىپ قىلىپ گەپ قىلىشماس بولۇپ قالغاندا، ۋاڭ چۈن ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، يەنە بىر تەرەپتىن تاكى ئىككىسىنىڭ زىددىيىتى تۈگەپ يارىشىپ قالغانغا قەدەر قىزىمغا پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. ئوغلۇمنىڭ ئىنگلىز تىلىدا يېتىشەلمىگەندە، ۋاڭ چۈن ئوغلىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈشكە ياردەملىشىش ۋە ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى تاپشۇردى، بىر يىلدىن كېيىن، ئوغلۇمنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېدى جېڭىسگۈل.

«ئاچامنىڭ ئوغلى بەك مۇنەۋۋەر، داڭلىق داشۆنى پۈتكۈزگەن، بىز ئۇنىڭغا بەك ھەۋەس قىلىمىز، ئۇنىڭ ئىككى بالامغا ياردەم قىلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم، بىز بۇ ئويىمىزنى ئۇنىڭغا ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ ئويلىشىپمۇ تۇرماي ماقۇل بولدى». ئەلىمجاننىڭ ئېيتىشىچە، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ۋاڭ چۈن ئۇنىڭ ئىككى بالىسىغا نۇرغۇن ئىش قىلىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ قىزى ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندا ئىنتايىن جىددىيلىشەتتى، ۋاڭ چۈن ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ھەپتە ئاخىرىدا يەنە ئۇنى شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ دالا تامىقى يېگۈزۈپ، ئامال قىلىپ ئۇنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدۇ.

«ئاچام يەنە ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ نېمىنى ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىمىزنى بىلىدۇ، خوتۇنۇمنىڭ قانچىنچى نومۇرلۇق ئاياغ كىيىدىغانلىقىنى، ھەتتا قانداق رەڭلىك كىيىمنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بەزىدە تاكاللىشىپ ئۇرۇشۇپ قالساق، ئۇ دائىم بىزنى ۋاقتىدا ياراشتۇرۇپ قويىدۇ.» ئەلىمجەن مۇنداق دېدى: «ۋاڭ چۈن ھەمىشە ئوغلۇم خىزمەتكە چىقىپ بولدى، ھازىر يەنە ئىككى بالامنىڭ بولغانلىقى ياخشى بولدى، بېرىش-كېلىش قىلغانسېرى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلىۋاتىمەن دەيدۇ.»

كۆكتاتلىقتىكى كاۋىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقىغا قاراپ، ۋاڭ چۈن (سولدا) بىلەنئەلىمجانقاناخات ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا پاراڭلاشتى (7-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان).

بۇ يىل ئەتىيازدا، كىلىماتنىڭ تەسىرىدە،ئەلىمجاننىڭ ھويلىسىدىكى كاۋىلار مېۋىگە كىرىشىگىلا كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، خوتۇنى جېڭىسگۈل جىددىيلەشكىنىدىن ۋاڭ چۈنگەتېلېفون بېرىپ ياردەم سورىدى، ۋاڭ چۈنئەلىمجاننىڭ تاغدا مال بېقىۋاتقاچقاقايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ دورا سېتىۋېلىپ چېچىپ، كاۋىدىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئالدى.

«چارۋا بېقىشنى بىلگىنىمىز بىلەن بالا تەربىيىلەش ۋە تېرىقچىلىقتا بىلمەيدىغانلىرىمىز كۆپ، ئاچام تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسسىسلەر دائىم كەنتكە كېلىپ يۇرتداشلارغا بىلىم ۋە تەجرىبە ئۆگىتىدۇ، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن بەك خۇشال.» جېڭىسگۈل مۇنداق دېدى: «ۋاڭ چۈن يەنە ھەر خىل كىتابلارنى سېتىۋېلىپ،ئەر-خوتۇن ئىككىمىزگەئادەتتە بالىلار بىلەن پاراڭلىشىش، ئۇلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكىتاكتىكىلارنى ئۆگەتتى.»

يېقىندا،ئەلىمجاننىڭ ئىككى بالىسى يازلىق تەتىلگە چىقتى، ۋاڭ چۈن جېڭىسگۈل بىلەن بىللە پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇپ، ھويلىغا قازان ئېسىپ پولو، داپەنجى ئېتىپ، ئىككى ئائىلە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ كەتتى.

«ئاچامنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. بىز ئۆمۈرلۈك ياخشى تۇغقانلاردىن بولىمىز» دېدى ئەلىمجان.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى