ئۇ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مۇكاپات پۇلىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئىئانە قىلدى

日期:2023年07月24日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىسۇڭ ۋېيگو

«شياۋ ۋاڭ، رەھمەت سىزگە! ھەر قېتىم ئائىلىمىزدە قىيىنچىلىق بولسىلا، بىزگە ياردەم قىلىسىز، ھازىر يەنە ھال سوراش پۇلى ئەكىلىپ بېرىپسىز» دېدى 7-ئاينىڭ 12-كۈنىئاقتۇ ناھىيەسى تارتاجىك يېزىسى باغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھاپىز ئىسرايىل ۋاڭ رۇيلېينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

ۋاڭ رۇيلېي (سولدىن ئىككىنچى كىشى) ئۆزى ئالغان ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مۇكاپات پۇلىنى ھاپىز ئىسرايىل ئائىلىسىگە ئىئانە قىلدى.

سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن.

ۋاڭ رۇيلېي تارتاجىك يېزىسى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشخانىسىنىڭكادىرى. 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۇ ئۆزى ئالغان 3000 يۈەن ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مۇكاپات پۇلىنى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئۈچ ئائىلىگە ئىئانە قىلدى، ھاپىز ئائىلىسى شۇ ئائىلىلەرنىڭ بىرى.

بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن ھاپىز يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلالمايتتى، تۇرمۇشى بىرقەدەر قىيىنچىلىقتا ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ۋاڭ رۇيلېي ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ئىزچىل ياردەم بەردى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىم، يازدىكىئالدىراشلىق، قىشتىكى ساقلاش ئىشلىرىدا ئۇنىڭ سىيماسىنى دائىم ئۇچراتقىلى بولاتتى. بۇ قېتىم جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرى دۇڭشياڭ رايونى تارقاتقان ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندا، ئۇ تۇنجى بولۇپ ھاپىزنى ئېسىگە ئالدى.

ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش مۇكاپات پۇلى توغرىسىدىكى بۇ گەپنى 2022-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

2022-يىلى 6-ئايدا، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ۋاڭ رۇيلېي ئالماشتۇرۇلىدىغان كادىر سۈپىتىدە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرى دۇڭشياڭ رايونىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا باردى. 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 23 ئەتراپىدا، تەۋەلىكتىكىبېيگاڭخې دەرياسى ئەتراپىغا كەلگەندە، ئۇ تۇيۇقسىز بىرەيلەننىڭ: «تېز قۇتقۇزۇڭلار، بىرسى دەرياغا چۈشۈپ كەتتى...» دەپ قۇتقۇزۇشقا چاقىرغىنىنى ئاڭلىدى.

ئەسلىدە، بىر ئەر ئون نەچچە بوتۇلكا پىۋا ئىچكەن بولۇپ، ھاراق كۆتۈرەلمەي، تۆت مېتىر ئېگىزلىكتىكى توسمىدىن دەرياغا چۈشۈپ كەتكەنىدى.

ۋاڭ رۇيلېي ئىككىلەنمەستىن توسمىدىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئەمەن ئوتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ دەرياغا قاراپ ماڭدى. سۇدا ياۋا ئوت-چۆپلەر زىچ ئۆسكەن بولۇپ، ئۇ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، سۇغا چۆكۈپ كەتكەنئەرنى تەستە قىرغاققا تارتىپ چىقتى.

قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ساقلاش جەريانىدا، ۋاڭ رۇيلېي سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنى جىددىي قۇتقۇزدى. 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئاپتوموبىل بىلەن سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن، ۋاڭ رۇيلېي تىزىنىڭيارىلانغانلىقىنى بايقىدى، سۇغا چۈشۈپ كەتكۈچىنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاندىن كېتىپ قالدى.

بۇ يىل 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، فۇجوۋ شەھىرى دۇڭشياڭ رايونلۇق ئامانلىق قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋاڭ رۇيلېيغا «ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش» نەمۇنىچىسى دەپ نام بەردى. 7-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۇڭشياڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتى ۋاڭ رۇيلېيغا شەرەپ گۇۋاھنامىسىھەمدە 3000 يۈەن مۇكاپات پۇلىتارقىتىپ بەردى.

«بۇ مۇكاپات پۇلى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتىكى ئاكتىپ كۈچ ۋە مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چېچىش مېنىڭچە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش» دېدى ۋاڭ رۇيلېي.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى