«گۈزەل قاشتېشى سەۋەبىدىن ئورنىتىلغان ئاجايىپ دوستلۇق» ئىتتىپاقلىقنى كۈيلىدى

日期:2023年07月13日
来源:天山网
【字体:

«كوئېنلۇندىكى قېرىنداشلار» ناملىق كىنو:

«گۈزەل قاشتېشى سەۋەبىدىن ئورنىتىلغان ئاجايىپ دوستلۇق» ئىتتىپاقلىقنى كۈيلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

«بىر تال گۈزەل قاشتېشى يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان قىممەت قارىشىنى يەتكۈزدى، بىر بۆلەك ئاجايىپ دوستلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ باش تېمىسىنى ئەكس ئەتتۈردى، <كوئېنلۇندىكى قېرىنداشلار>دا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ <چوڭقۇر دوستلۇق> ھېكايىسى بايان قىلىندى» دېدى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى «كوئېنلۇندىكى قېرىنداشلار» ناملىق كىنونىڭ رېژىسسورى ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇخبىرغا. 7 - نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات - سەنئەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىدە بۇ فىلىم كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

بۇ فىلىمنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى سېنارىيەلەشتۈرۈپ سۈرەتكە ئالغان بولۇپ، دىققەت «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر بۆلەك «گۈزەل قاشتېشى سەۋەبىدىن ئورنىتىلغان ئاجايىپ دوستلۇق» بايان قىلىنغان: مەردان يۇرتداشلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ قاشتېشى سېتىش يولىدا، ئېھتىياتسىزلىقتىن قاشتېشىنى يوقىتىپ قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدە ئالدامچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەردان ئۆيىدىن ئايرىلىپ ئىشلەپ قەرز قايتۇرىدۇ، ئانىسى ئوغلىنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ، تولا يىغلاپ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالاي دەيدۇ. كەنتكە تۇغقانلاشقىلى كەلگەن كادىر شۈ كۇن مەرداننىڭ كەچۈرمىشىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قاشتېشىنى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ.

ئابدۇكېرىم ئەسلەپ مۇنداق دېدى: 2017 - يىلى، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى 100دىن ئارتۇق كىشىلىك سۈرەتكە ئېلىش كوللېكتىپى تەشكىللەپ، ئۈرۈمچى ۋە خوتەن ئارىسىدا نەچچە قېتىم بېرىپ - كېلىپ، كوئېنلۇنغا چىقىپ، چۆللەرنى كېزىپ، ھاۋاسى قۇرغاق بولۇش، كېچە - كۈندۈز تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئاددىي ھەم تەسىرلىك ھېكايىنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلدى.

«كوئېنلۇن تېغىدىكى سۈرەتكە ئېلىش ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىردىن ئارتۇق ئېگىزلىكتە بولۇپ، مېھمانخانا بىلەن بولغان ئارىلىقى ئالتە سائەتلىك يول ئىدى. فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى ھەر كۈنى سەھەر سائەت ئۈچ يېرىمدا يولغا چىقىپ، بەك جاپا تارتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر قېتىملىق سۈرەتكە ئېلىشتا، باش ئەر پېرسوناژ ئېگىزلىك تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ھەربىر كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئوكسىگېن سۈمۈرۈپ ئارام ئالاتتى، ئاندىن داۋاملىق سۈرەتكە ئالاتتۇق.» ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: بەزىدە، سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا يەنە قۇم - بورانلىق ھاۋارايىغا ئۇچرايتتۇق، كۆزىتىش ئەسۋابى ئۈچۈن ئورنىتىلغان نۇر توسۇش چېدىرى ۋە ۋاقىتلىق تىكىلگەن چېدىرلارنىڭ بەزىلىرىنى بوران ئۇچۇرۇپ كېتەتتى، بەزىلىرىنى بوران يىرتىۋېتەتتى، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىدىكىلەر پەلتولىرىغا يۆگىنىپ، چۆللۈكتە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، قۇم - بوراننىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتەتتى.

سېنارىست لى مۇشى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: فىلىمنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدىكى ماتېرىيال توپلاش جەريانىدا، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولغانلىقىدەك نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلىدى. «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار يېزا - بازار، كەنت، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شۇ جايدىكى پۇقرالار بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. بۇ جانلىق ئەمەلىيەت شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىن يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە شەكلىگە ئايلىنىپ، فىلىم ئىجادىيىتىگە ئىلھام ئېلىپ كەلدى».

فىلىمدە كەنت بېشىدىكى بىر كۆۋرۈكنىڭ كۆرۈنۈشى كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار كەنتكە كىرگەندە بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتىدۇ، مەردان ئۆيىدىن ئايرىلغاندا بۇ كۆۋرۈك بىلەن خوشلىشىدۇ، رەيھان ئانا ئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ بۇ كۆۋرۈكتە تۇرىدۇ، مەردان يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندە سۆيگۈنى بىلەن يەنىلا مۇشۇ كۆۋرۈكتە ئۇچرىشىدۇ. «بۇ كۆۋرۈك قەلبداشلىق كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىدەك مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى رېژىسسورلارنىڭ بىرى جياڭ خۇڭ.

فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ياخشى باھاغا ئېرىشتى، كۆرۈرمەنلەر «كوئېنلۇندىكى قېرىنداشلار» ناملىق فىلىمدە كوئېنلۇن قارلىق تېغىنىڭ چەكسىز گۈزەللىكى نامايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئاددىي - ساددا تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىپتۇ، يەنە ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىك ئاۋات قىياپىتى ئىپادىلىنىپتۇ، دەپ باھا بېرىشتى.

«كىنونى كۆرگەندە، مەن كۆپ قېتىم تەسىرلەندىم، فىلىمدە قاشتېشى ئىزدەش ھېكايىسى ئارقىلىق ئۈچ قاتلاملىق باش تېما ئىپادىلىنىپتۇ: سەمىمىيلىك روھىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى مەدھىيەلەش.» جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى لى جۈن مۇنداق دېدى: قاشتېشى چىرايلىق، ئىللىق بولۇپ، خۇددى كەمتەر، ئالىيجاناب كىشىگە ئوخشايدۇ، قاشتېشىنى ھېكايىنىڭ يادرولۇق كۆرۈنۈشى قىلىش ئىنتايىن مۇۋاپىق بوپتۇ. جۇڭگو كىنو ئوبزورچىلىقى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەزەرىدە، فىلىمدە قاشتېشىنى يىتتۈرۈپ قويغاندىكى غەشلىك، قاشتېشى ئىزدەش جەريانىدىكى ئوڭۇشسىزلىق، قاشتېشىنى ئىزدەپ تاپقاندىكى خۇشاللىق ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئېجىل - ئىناق ئۆتۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئىناق تەرەققىي قىلىشتەك جانلىق ئەمەلىيەت بەدىئىي يوسۇندا قايتا نامايان قىلىنىپتۇ.

ئابدۇكېرىمنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى قىزغىن تۇرمۇش كىنو ئىشلىگۈچىلەرنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس خام ماتېرىيال خەزىنىسى ئىكەن. نۆۋەتتە، ئۇ بىر كومېدىيە ئەسىرى ئىجاد قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەسەردە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىككى ئائىلىدىكى ئىككى ئەۋلاد كىشىنىڭ خەلق ئىچى قول ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساياھەت كەسپىگە ئاتلانغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئوبرازى بايان قىلىنىدىكەن.