گۇيۈەن كوچىسىدىكى 100 ئائىلىلىك زىياپەت

日期:2023年06月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىررېن چۈنشياڭ) «سىزنىڭ بۇ بىر تەخسە قۇرغاق قورۇما چۆپىڭىز بەك ئوخشاپتۇ» «مەن پىشۇرغانيوۋزاگاۋنىتېتىپ بېقىڭ» ... 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۆڭكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسىدە، ئاھالىلەر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، مەززىلىك تائاملاردىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇۋاتقان بولۇپ، پات- پات كۈلكە سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى، بىر مەيدان قىزغىن 100 ئائىلە زىياپىتى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۆڭكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان 100 ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىرېن چۈنشياڭفوتوسى

ئاھالىلەر ئۆزى ئەڭ ئوخشىتىپ ئېتەلەيدىغان تائاملارنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاپ ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئىچىدەھەم ئادەتتىكى قورۇمىلار، ھەم مىللىي خاسلىققا ئىگە ئۇششاق يېمەكلىكلەر بار ئىدى، بىر چەتتىكى كاۋاپ رايونىدا يەنە نەق مەيداندا كاۋاپ پىشۇرۇلۇۋاتاتتى، تاراۋاتقان مەززىلىك پۇراق كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. ئاھالىلەر نازۇ - نېمەتلەرگە ئېغىز تەگكەچ، ئۆزئارا پاراڭلاشتى، يەنە سەھنىدىكى ناخشا - ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلاندى، ھاياجانلانغاندا يەنە بەس - بەستە سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، نەق مەيدان شاد - خۇراملىققا تولدى.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۆڭكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزدى، سۈرەتتە: بالىلار ھاياجان ئىلكىدە كاۋاپ يېيىشنى كۈتمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىرېن چۈنشياڭفوتوسى

100 ئائىلە زىياپىتى پائالىيىتىدە بالىلار مەخسۇس ئۈستىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، نەچچە ئون بالا ئۇزۇن ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرغانىدى، ھەربىر قورۇما چىققاندا، ئۇلار خۇشاللىقىدىن چۇرقىرىشاتتى. بالىلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، ساددا، تېتىك قىياپىتى كۆپچىلىككىمۇ تەسىر قىلدى، نەق مەيدان كەيپىياتى تېخىمۇ قىزغىنلىققا تولدى.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۆڭكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزدى، كۆپچىلىك ئاھالە لى لىمىن (ئوڭدىن 2-كىشى) پىشۇرغان يوۋزاگاۋنىتېتىپ كۆرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىرېن چۈنشياڭفوتوسى

100 ئائىلە زىياپىتىدە ھەر خىل تەم، لېكىن ھەر مىللەت ئاھالىسى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىنمۇ ئىناق ئۆتىدۇ. 68 ياشلىق لى لىمىن مەھەللىدە ئۇزۇن يىل تۇرغان بولۇپ، مۇنداق دېدى: «مەھەللىمىزدەھەر مىللەت قوشنىلار بار، قوشنىلار ئارا مۇناسىۋەت ئىزچىل ئالاھىدە ياخشى، مۇشۇنداق ياخشى قوشنىلار ماڭا ھەمراھ بولغاچقا،ئازراقمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلمايمەن. بۇ قېتىم مەن مەخسۇس يوۋزاگاۋتەييارلاپ، كۆپچىلىكنىڭ تېتىپ بېقىشىغا سۇندۇم.»

ئابدۇللا نۇرمەمەت بىلەن لى لىمىن 10 نەچچە يىللىق قوشماقلاشقان تۇغقان بولۇپ، ھېيت - بايراملاردا ئىككى ئائىلەبىر يەرگەجەم بولىدۇ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئىككى - ئۈچ كۈندە بىريوقلىشىپ، ئىشى چىقىپ قالغاندا بىر-بىرىنى ئىزدىشىپ،ئىككى ئائىلە بارغانسېرى يېقىن بولۇپ كەتتى. «مەھەللىمىز بىر چوڭ ئائىلىگە ئوخشايدۇ، ھەر بىرىمىز بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ ئەزاسى، ئۇزاق يىل بىللە ئۆتۈش ئارقىلىق كۆڭلىمىز تېخىمۇ يېقىنلاشتى، ھېسسىياتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ بەختكە چۆمدى» دېدى ئابدۇللا.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۆڭكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 100 ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىرېن چۈنشياڭفوتوسى

گۇيۈەن كوچىسى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن مۇنداق دېدى: مەھەللىدە 100 ئائىلە زىياپىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 10 يىلغا يېقىن بولدى، بۇ، بۇ مەھەللىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەنئەنىۋى پائالىيىتىگە، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندى. «ھەر مىللەت ئاھالىلەر ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان نازۇ - نېمەتلەرنى ئېلىپ چىقتى، مەھەللە كادىرلىرى ۋە بىر قىسىم ئاھالىلەرمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ، بىللە ناخشا ئېيتىپ، توپلىشىپ پاراڭلىشىپ، قۇربان ھېيتنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.» دېدى جاڭ ياۋۋېن.