مەن تۇغقىنىم بىلەن يۇرتۇمنى ساياھەت قىلدىم

日期:2023年06月25日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسى ئالغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «تۇغقىنىم بىلەن يۇرتۇمنى ساياھەت قىلىمەن» پارتىيە قۇرۇلۇشى+مەدەنىيەت+مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، مېھىر-مۇھەببەتيۇغۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە داتاڭ شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىدىكى كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقان مۇنەۋۋەر كەنت ئاھالە ۋەكىللىرىدىن 10 كىشى قاتناشتى، ئۇلار داتاڭ شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسى ئالغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان ئاقسۇ ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئالغا كەنتىدىن يولغا چىقىپ، 1000 چاقىرىم يول يۈرۈپ، يول بويى كۈلكە-چاقچاق قىلىشىپ ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ داتاڭ شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىشتابى، توقسۇن شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ «ئەسلىي مەقسەت . يىراققا يۈرۈش قىلىش» مەيدانى تارىخىي تەربىيە بازىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى قاتارلىق قىزىل تەربىيە مەدەنىيەت بازىسىنىئېكسكورسىيە قىلدى ۋە ئۆگىنىشتە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى ماۋ زېمىننىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيىنىئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، كۆپچىلىك پات-پات چۈشەندۈرگۈچىدىن سوئال سوراپ، ھەمتۈرتكە بولۇپ، يولداش ماۋ زېمىننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خىزمەت، تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. قىزىلمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلىگەندە، تۇغقانلار يولداش ماۋ زېمىن ۋەكىللىكىدىكى كوممۇنىستلارنىڭچېگرا رايوننى قىزغىن سۆيۈش، چېگرا رايونغا مۇلازىمەت قىلىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

ئاخىرىدا، كۆپچىلىك شىنجاڭ كۆزنىكى-شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرىغا كەلدى،تۇغقانلارشادىيانە مۇزىكىغا ئەگىشىپ،ئۆزلىكىدىنلا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى، ئۇلار خۇشال ھالدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى، ھاياجانلانغان ھالدا قايتىپ بارغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى مېھىر-مۇھەببەت يۇغۇرۇش پائالىيىتىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېيتىپ بۇ خۇشاللىقلارنى ئۇلار بىلەن تەڭ بەھرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(ئونسۇ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىنگۇەن چى،ئادىلجان ئەمەت)