«كىچىك جۇغلانما نومۇر» ئورقۇ بازىرىنىڭ يېزا-كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى

日期:2023年06月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

قاتار - قاتار قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك بىنالار، دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان پاكىز كوچىلار، ئولتۇراق رايوندىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا رەتلىك توختىتىلغان ئاپتوموبىللار... 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرىدىكى فېڭشياڭ ئولتۇراق رايونىغا كىرگەندە، مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتى ھەممىلا يەردە كۆزگە تاشلىناتتى. «بۇلارنىڭ ھەممىسى بازىرىمىز يولغا قويغان جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇشنىڭ پايدىسىدىن بولدى» دېدى ئولتۇراق رايون ئاھالىسى ئەنۋەر ئىدىرىس پەخىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا.

ئورقۇ بازىرى تەۋەلىكىدە چىغانلىق كەنتى، خاك كەنتىدىن ئىبارەت ئىككى مەمۇرىي كەنت بار. 2021 - يىلى «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجېن بازىرى»دىن ئىبارەت بۇ يېزا - كەنت كەسپىنى گۈللەندۈرۈش تۈرىنى پۇرسەت بىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى بىر قەۋەتلىك ئۆيلەردىن ئاقىللاشقان فېڭشياڭ ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردى. ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ساۋ تاڭۋۇ مۇنداق دېدى: يېڭى كۆچۈپ كىرگەندە، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىدە ئاپتوموبىلنى قالايمىقان توختىتىش، ئەخلەتنى قالايمىقان تاشلاش قاتارلىق ئەھۋاللار بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك ئىدى، كەنت دەرىجىلىك ئىشلارغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى.

كەنت ئاھالىلىرىنى باشقۇرۇش تەس، باھالاشنى مىقدارلاشتۇرۇش تەس، رولىنى جارى قىلدۇرۇش تەس، قانداق قىلىش كېرەك؟

تۈرلۈك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ھەربىر ئادەمگە ھەر قېتىمدا بەش نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا، ماجىرالارنى تۈگىتىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەرگەنلەرگە ھەر قېتىمدا 50تىن 200 گىچە نومۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ؛ ئەخلەتنى بەلگىلەنگەن رايونغا تۆكمىگەن بولسا، ھەربىر ئادەمدىن ھەر قېتىمدا بەش نومۇر تارتىلىدۇ...

ئورقۇ بازىرى مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىش جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، 2021 - يىلى «ئورقۇ بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنى جۇغلانما نومۇر بويىچە باشقۇرۇش چارىسى»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، قوش يۆنىلىشلىك باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كەنت ئاھالىلىرى كەنت دەرىجىلىك ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىش، پىدائىيلار ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق جەھەتلەردە نومۇر بېرىپ، نومۇر قويۇش تۈرىدىن 37نى تەسىس قىلدى، بۇ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە سۆزلەش، خەۋپ - خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىلىشىنى قوللايدىغان، رىغبەتلەندۈرىدىغان 18 تۈرلۈك ئوڭ يۆنىلىشلىك نومۇر خاتىرىلەش ھەرىكىتى، ئاپتوموبىلنى ئۆلچەمسىز توختىتىش، ئۆز ئالدىغا قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش، چارۋىلىرىنى باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىق قاتارلىق كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا كەنت ئاھالىلىرى سادىر قىلسا بولمايدىغان 19 تۈرلۈك تەتۈر يۆنىلىشلىك نومۇر خاتىرىلەش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«بىر جۇغلانما نومۇرنى 1 يۈەن پۇلغا ئالماشتۇرغىلى، بۇنى كەنت كوللېكتىپى قۇرغان پارتىيە قۇرۇلۇشى جۇغلانما نومۇر تاللا بازىرىدا <سوۋغات>قا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.» ساۋ تاڭۋۇ مۇنداق دېدى: ۋەزىپە ئېلان قىلىش، تىزىملىتىپ قاتنىشىش، ھەر ئايدا باھالاپ بېكىتىش، جۇغلانما نومۇرنى قايتا تەكشۈرۈش، جۇغلانما نومۇرغا قىممەت تولۇقلاش، جۇغلانما نومۇرغا ئاساسەن ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت ئالتە باسقۇچ بويىچە، كەنتنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى جۇغلانما نومۇر تۈزۈمى ئارقىلىق ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلدۇق، جانلىق گەۋدىلەندۈردۇق ھەم ھەر يىلى «جۇغلانما نومۇر چولپانى»نى باھالاش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى كەنت قۇرۇلۇشى، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلارغا قاتنىشىشقا ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش بىلەن كەنت دەرىجىلىك تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتۇق.

«پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بەدەننى چېنىقتۇرغاچ باشقىلارغىمۇ ياردەم بەردۇق، يەنە جۇغلانما نومۇر يىغىپ «سوۋغات»قا ئالماشتۇردۇق، ناھايىتى ياخشى بولدى.» چىغانلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇردۇن توختى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئايدا مەن 235 نومۇر جۇغلاپ، چىش پاستىسى، بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئالماشتۇردۇم».

بۇ بىرقانچە يىلدا، ئورقۇ بازىرى ھەر يىلى نەزەرىيە لېكسىيەسى، ئەخلەت تازىلاش، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. جۇغلانما نومۇر تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا ياخشى بولمىغان قىلمىش ۋە ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە، ئىدىيە - ئەخلاق مەنزىلىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، مەدەنىي كەيپىيات تىكلىدى.

2021 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، گۇاڭشىلىق ساياھەت يېتەكچىسى چاڭ جيابىڭ ئۆمەك باشلاپ ئورقۇ رايونىغا ساياھەتكە بېرىپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن خۇرۇم سومكىسىنى چىغانلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھوشۇراخۇن قۇرباننىڭ ئۈچ چاقلىق ھارۋىسىدا ئۇنتۇپ قالدى، ھوشۇراخۇن سومكىنىڭ ئىگىسىنى ئۈچ ئاي ساقلىدى، ئاخىرىدا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بۇ خۇرۇم سومكىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەردى. ھوشۇراخۇن يەنە 2022 - يىللىق «شىنجاڭ بويىچە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكتىكى ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

«كەنت ئاھالىلىرىنى جۇغلانما نومۇر بويىچە باشقۇرۇش چارىسىگە ئاساسەن، كەنتىمىز ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمىغان ھەم شەرەپكە ئېرىشكەن ھوشۇراخۇنغا بىر قېتىمدىلا 2000 نومۇر قوشۇپ بەردى.» چىغانلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئۇلان مۇنداق دېدى: ياخشى ئىش قىلغان كەنت ئاھالىلىرى ھۆرمەتكە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئېڭى ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستى، كەنتىمىزدە ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلار بارغانسېرى كۆپەيدى.

ھازىرغىچە، ئورقۇ بازىرىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جۇغلانما نومۇرى 100 مىڭدىن ئاشتى. ساۋ تاڭۋۇ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «پارتىيە قۇرۇلۇشى + جۇغلانما نومۇر» ئەندىزىسى ئارقىلىق، جۇغلانما نومۇر تۈزۈمىدىكى «يۇمشاق چەكلىمە»نى ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى «قاتتىق تۇتقا»غا ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنت دەرىجىلىك ئىشلارغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىر»نى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىمىز.