بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى: ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى

日期:2019年04月16日
来源:天山网
【字体:

ئالتاي گېزىتى خەۋىرى (تەكلىپلىك مۇخبىر ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چېڭ): 2-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە 15 مىڭدىن ئارتۇق كىشىسالامەتلىكىنىھەقسىز تەكشۈرتتى.

4-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىر بۇرۇلتوقاي بازارلىق سەھىيە دوختۇرخانىسىدا، تېببىي خادىملارنىڭ شۇ بازاردىكى ئاھالىلەرگە B چاۋ، ئېلېكتروكاردىيوگرامما قاتارلىق تەكشۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى. «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەن بىر پۇڭ خەجلىمەيلاسالامەتلىكىمنىبىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتتۈم، داۋالاش خادىملىرىنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسىمۇ ئىنتايىن قىزغىن بولدى، يەنە ماڭا كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىدىغان بەزى ئىشلارنى تاپىلىدى» دېدى بازار ئاھالىسى ليۇ يىڭچېن خۇشال ھالدا.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئومۇمىي خەلقسالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يىل بېشىدىن باشلاپ پىلانلاپ، تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا (بازار، مەيدان)لاردا يەتتە سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىسى تەسىس قىلغان، 200دىن ئارتۇق تېببىي خادىم بۇ خىزمەتكە قاتنىشىپ، تۈركۈمگە بۆلۈپ، تۈرگە ئايرىپ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھەممە ئادەمنىڭ ئومۇمىي خەلقسالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى شاڭ خەييۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، بىز ھەر كۈنى 600دىن ئارتۇق ئادەمنى ھەقسىز تەكشۈرۈپ، 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن بۇ يىللىق ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. بارلىق تېببىي خادىملار ئۆزىنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.