كۇچا ناھىيەسى: كىچىك ئاشخانا بىلەن ئەمەلگە ئاشقان باي بولۇش ئارزۇسى

日期:2019年04月12日
来源:天山网
【字体:

«كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مېنىڭ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەپ ئاشخانا ئېچىشىمغا ئىلھام بەرگەنلىكىگە، ماڭا يەنە ئىككى دۇكان ئىلتىماس قىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئاشخانا سودىسىنىڭ بۇنداق ياخشى بولۇشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن، بىر ئايدىكى ساپ پايدىلا 5000 يۈەندىن ئاشتى، ھازىر ئىشلىگەنسېرى كۈچكە تولدۇم، كىچىك ئاشخانا مېنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى باي بولۇش ئارزۇيۇمنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى، ھازىر مەن بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىمەن، تۇرمۇشۇم ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈۋاتىدۇ» دېدى كۇچا ناھىيەسى خانىقاتام يېزىسى شىشياڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن تۇردى خۇشال ھالدا.

2013-يىلى تۇرسۇننىڭ ئانىسى بەختكە قارشى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان، ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆيىدىكى يىغىلغان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ تۈگىتىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىنى پەسىل خاراكتېرلىك ئىشلەمچىلىك بىلەن قامدىغان. 2018-يىلى كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۇرسۇن ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىن دۇكان ئىلتىماس قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ كىچىك ئاشخانا ئېچىشىغا ياردەملىشىپ، تۇرسۇننىڭ تۇرمۇشىدا زو ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان.

1-شۇجى تاھىر مەمەت مۇنداق دېدى: «بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھالقىلىق بىر يىل، بىز نامرات ئائىلىلەرنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ باي قىلىشنى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش، ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش بىلەن ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ھەربىر نامرات ئائىلىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ئۈچۈن پائال چارە-تەدبىر ئىزدەيمىز، ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئورنى تەمىنلەيمىز، ھازىرغا قەدەر 6 نامرات ئائىلە <نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىگىلىك تىكلەش بازىسى>غا كۆچۈپ كىرىپ سودا قىلىپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتى. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن جۇ ۋېي، جاڭ شياۋلى تەمىنلىگەن)