«بۈگۈن مەن تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە تىزىملىكىدىن چېكىنگىلى كەلدىم»

日期:2019年04月08日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فۇ شياڭلۇڭ

3- ئاينىڭ 22- كۈنى ئەتىگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) سۇڭشەنجيې كوچىسى خۇاڭشەنجيې مەھەللىسىدىكى ئاھالە جاڭ رۈي مەھەللىگە كېلىپ ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خۇاڭشەنجيې مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى سۇ ۋېي بىلەن كۆرۈشتى.

«سۇ شۇجى، خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللىنىڭ ياردىمىدە، دۇكىنىمنىڭ سودىسى بىرقەدەر مۇقىملىشىپ، كىرىمىم بىلەن ئۆزۈم ۋە بالامنى باقالايدىغان بولدۇم، مەن بۈگۈن تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە تىزىملىكىدىن چېكىنگىلى كەلدىم، تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى تېخىمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىڭلار» دېدى جاڭ رۈي سەمىمىيلىك بىلەن.

بۇ يىل 32 ياشلىق جاڭ رۈينىڭ كۆزى ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئاپتوموبىل ھادىسىسىدە 2- دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قېلىپ، سەل قاراڭغۇ چۈشسىلا نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيتتى، كېچىدە ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزى يالغۇز سىرتقا چىقىشقا پېتىنالمايتتى. سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا، جاڭ رۈي ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، قىزى بىلەن بىللە تۇراتتى. «يايما ئېچىپ ئۇششاق بۇيۇملارنى سېتىپ تىرىكچىلىك قىلدىم، كىرىمىم مۇقىم ئەمەس، قىزىم چوڭ بولغانسېرى، ئۇنىڭغا ياخشىراق تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشنى ئويلىساممۇ، قۇربىم يەتمىگەنىدى» دېدى جاڭ رۈي.

2013- يىلى، خۇاڭشەنجيې مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى جاڭ رۈينىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى. «يەلكەمدىكى يۈكۈم بىردىنلا كۆپ يېنىكلەپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم، بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقى، مەن ناھايىتى مىننەتدار بولدۇم، ئۆزۈم يەنە تىرىشىپ قىزىمغا ئۈلگە تىكلەپ بېرىشنى ھەم ياخشى ياشاشنى ئويلىدىم» دېدى جاڭ رۈي مۇخبىرغا.

مۇشۇنداق غەيرەتكە كەلگەن جاڭ رۈي سىرتقا تېخىمۇ كۆپ چىقىپ يايما ئاچتى، «كۆپرەك پۇل تېپىشنىلا ئويلىدىم، يەنە بىرەر ھۈنەرنى ئۆگىنىپ تېخىمۇ مۇقىم كىرىمىم بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم».

2017- يىلى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) مېيىپلەر بىرلەشمىسى تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللىدى، جاڭ رۈي تىزىمغا ئالدۇرۇپ، بالىلارنى ئۇۋۇلاش ۋە چوڭلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش فىزىكىلىق داۋالاش ماھارىتىنى ئۆگەندى ھەم 2018- يىلى 4- ئايدا ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسىنى ئالدى.

بىر ماھارەتكە ئىگە بولغان جاڭ رۈي دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ دۇكاننى ئۆيىگە يېقىن ئەتراپتا ئېچىشنى ئويلىدى، بىراق، ئەتراپتىكى دۇكانلارنىڭ ئىجارە ھەققىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، جاڭ رۈي نىيىتىدىن يانماقچى بولدى، «50 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكاننى ئىجارىگە ئالسام، ھەر ئايدا 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئىجارە ھەققى تۆلەيدىكەنمەن، بۇنىڭ ھۆددىسىدىن قانداق چىقالايمەن؟»

خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە مەھەللە كادىرلىرى ئائىلە زىيارىتى قىلىپ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال رايون تەۋەلىكىدىكى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ، جاڭ رۈيگە تىجارەت قىلىدىغان ئورۇن ھەل قىلىپ بەردى. 2018- يىلى 8- ئايدا، رايون تەۋەلىكىدىكى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى جاڭ رۈيگە 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆينى ئۇۋۇلاش ئۆيى قىلىشقا بوشىتىپ بەردى، ئۇ ھەر يىلى پەقەت 50 مىڭ يۈەن ئىجارە ھەققى تاپشۇرسىلا، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىسە بولىدۇ.

دۇكان مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن، جاڭ رۈي دەرھال ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىدىن مەبلەغ توپلىدى، «بېزەش، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشتىن باشقا يەنە ئىجارە ھەققىنى قوشقاندا، تۇنجى يىلىدىكى ئومۇمىي سېلىنما 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى، دۇكاننى داۋاملىق ئېچىپ كېتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم ھەم ئىقتىدارىم بار!» جاڭ رۈيگە ھاياتىدا يېڭى بىر بەت ئېچىلغاندەك تۇيۇلدى.

2018- يىلى 11- ئاينىڭ باشلىرىدا، جاڭ رۈينىڭ ئۇۋۇلاش دۇكىنى تىجارەت باشلىدى. ئالىدىغان ھەق تۆۋەن، مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ۋە تېخنىكىسىمۇ ياخشى بولغاچقا، خېرىدارلار بارغانسېرى كۆپەيدى. تۇنجى ئېيىدا، جاڭ رۈي 3000 يۈەن ساپ كىرىم قىلدى.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئايدا، جاڭ رۈينىڭ ئايلىق كىرىمى مۇقىم ھالدا 4000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى، «مۇشۇنداق كېتىۋەرسەم مەن ئۆزۈم ۋە قىزىمنى تامامەن باقالايمەن، تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى تېخىمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قالدۇراي» دېدى جاڭ رۈي تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە تىزىملىكىدىن چېكىنىش خىيالىغا كېلىپ.

جاڭ رۈي سۇ ۋېيگە مۇنداق دېدى: «مەن ماڭا پۇل قەرز بېرىپ تۇرغان ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىم بىلەن مەسلىھەتلەشتىم، قەرز ئالغان پۇلنى ئالدىرىماي قايتۇرساممۇ بولىدۇ. بىراق مەندىن تېخىمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەر بار تۇرسا، مەن يەنە تۆۋەن كاپالەت پۇلىنى ئېلىۋەرسەم بولمايدۇ».

«جاڭ رۈينىڭ بۇ خىل مۇستەقىل بولۇپ، ئۆزىنى كۈچەيتىش روھى بىزنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى. مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر بويىچە، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئەگەر كىرىمى مۇقىم بولسا ھەم تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولسا، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە تىزىملىكىدىن چېكىنىش رەسمىيىتى بېجىرسە بولىدۇ» دېدى سۇ ۋېي.

«ئۇنداقتا مەن تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە تىزىملىكىدىن چېكىندىم!» دېدى جاڭ رۈي خۇش تەبەسسۇم بىلەن.