[ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش] تەربىيەلەش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بېرىش

日期:2019年04月06日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: باي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باي بازىرى شەر مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كۈندىلىك تەشۋىقاتقا تۈرلۈك تەربىيەلەش بىلىملىرىنى سىڭدۈرۈپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمگەك قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى.

بۇ مەزگىلدە باي ناھىيەسى باي بازىرى شەرق مەھەللە كەنتىنىڭ «ھاجەتخانا، ئاشخانا، تۇرالغۇنى ئۆزگەرتىش»تۈرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، كەنت ئاھالىسى مەمەت نىياز بۇ يىل 57 ئائىلىلىكنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ سىرتقى تام قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالدى. بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ.

مەمەت نىياز كەنتتىكى ئۇستا تامچى، ئەمما بىر نەچچە يىل ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىلى سەۋىيەسى چەكلىك بولغانلىقتىن كۆپ قۇرۇلۇش ئالالماي كىرىمىگىمۇ تەسىر يەتكەن ئىدى. بۇ ئىككى يىلدا، باي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باي بازىرى شەرق مەھەللە كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى دېھقانلار كەچلىك كۇرسى ۋە كۈندىلىك تەشۋىقات ئارقىلىق دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇردى، بۇ مەمەت نىيازغا كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى. «مەن دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى بىلمىگەچكە ئىش تېپىشىم ۋە ئىشلىشىم تەسكە توختىغان ئىدى، ھازىر ياخشى بولدى، نېمە ئىش قىلسام قولايلىق، پۇلنىمۇ كۆپ تاپتىم، بۇلتۇر بىر يىللىق كىرىمىم 180 مىڭ يۈەن بولدى، بۇ يىلمۇ تىرىشىپ پۇل تاپىمەن.»

تىل راۋان بولسا ھەممە ئىشلار راۋان بولىدۇ. خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى دۆلەت ئورتاق تىلى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى ئاشۇردى، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ ئەمگىكىكە تايىنىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمىنى تېزلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مۇتەخەسسىسلەر ۋە بېيىش قابىللىرىنى داۋاملىق تەكلىپ قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىققا ئائىت تۈرلۈك تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلەپ، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. بىر يىلدىن بۇيان كۆپچىلىكنىڭ 280 دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار 20 نەچچە كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. شەرق مەھەللە كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋۇ يامېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە ئىشلەمچىلەر، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىدىغانلار كۆپەيدى، قوشنىلار ئىناق، كەنت ئاھالىلىرى خاتىرجەم. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە «كەنت ئىككى كومېتىت»ىگە باشلامچىلىق قىلىپ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمىتىنى داۋاملىق قەتئىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.