لوپنۇر ناھىيەسى: كىچىككىنە ياڭيۇ پارچىلىرى ئاممىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى «زىممىسىگە ئالدى»

日期:2019年04月05日
来源:天山网
【字体:

3-ئاينىڭ ئاخىرىدا، لوپنۇر ناھىيەسى دۆڭقوتان يېزىسى چۆڭكۆل كەنتىدىكى ئۆيلارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى دېھقانلار كۆكتاتلىقلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى.

«ياڭيۇ تېرىشتىن ئىلگىرى ئاۋۋال ياڭيۇلارنى كېسىپ بىخلاندۇرۇپ، يەرنى ئاغدۇرۇپ ئوغۇتلايمىز، ياڭيۇ سورتىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان زىچلىق بويىچە ياڭيۇ پارچىلىرىنى سالىمىز، ياڭيۇلار ئادەتتە 20 كۈن ئەتراپىدا بىخ چىقىرىدۇ، ئاندىن سۇغىرىمىز، قوشۇمچە ئوغۇتلايمىز، ھەم كېسەللىك ۋە ھاشارەت زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، 9-ئايدىلا ياڭيۇلاردىن ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ...» 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ شياڭجىن ياڭيۇ تېرىشتىن ئىلگىرىكى تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنى ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىكار تۇرغان يەرلەرنى ئېچىپ، دەسلەپكى قەدەمدە «سەي-كۆكتاتلارنى ھويلا-ئارانغا تولدۇرۇش، مال-چارۋىلارنى قوتانغا تولدۇرۇش، ھەممە جاينى يېشىللىققا تولدۇرۇش»نى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى يەرگە تېرىغان ياڭيۇلىرى جەمئىي 30 مودىن ئاشتى، دەسلەپكى قەدەمدە ھەر مو يەردىن 3 توننا ھوسۇل چىقىدۇ دەپ ھېسابلىنىپ، 180 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىش مۆلچەرلەندى.

«بىز خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كېيىنكى قەدەمدە كەسپىي ماھارەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئېتىزلارنى ئىلمىي باشقۇرۇش تېخنىكا مۇلازىمىتى جەھەتتە كۈچەپ، كىچىككىنە ياڭيۇ پارچىلىرىنى بالدۇراق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى <ئالتۇن تۈگۈنچەك>كە ئايلاندۇرىمىز» دېدى لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ دۆڭقوتان يېزىسى چوڭكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ شياڭجىن. (بايىنغولىن ئوبلاستلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن سۇڭ گويەن، خۇ خۇينا تەمىنلىگەن)