كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر لى لى: بالىلارنىڭ «لى ئانىسى»

日期:2022年05月07日
来源:天山网
【字体:

ئۇ شىنجاڭ سىفەنداشۆسىنىڭ يەكەن ناھىيەسى ياقائېرىق يېزىسى ياقائېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولۇپ، كەنتتىكى بالىلارنىڭ «لى ئانىسى»غا ئايلاندى، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، ئۇ كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئەمەلىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز ئىدارىسىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزىدىكى بالىلارغا كىتاب ئوقۇش ئورنى ئېچىپ بېرىپ، كىتاب ئوقۇش يېتەكچىلىك سىنىپى تەسىس قىلىپ، بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆگىنىشنى بىلىدىغان قىلىپ، يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى كەيپىيات ياراتتى.

ياقائېرىق يېزىسى ياقائېرىق كەنتىدىكى كۇتۇپخانىغا كىرگەندە، بالىلاركىتاب كۆرۈپ، خەت يېزىۋاتاتتى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى لى لى بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىۋاتاتتى. «مەن لى ئانامغا بەك ئامراق، لى ئانام بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، يەنە دائىم بىزگە كىتاب، ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىدۇ، بىز ھەممىمىز ئۇنى ياخشى كۆرىمىز» دېدى كىچىك دوست ئايزىبا مەمەتنىياز.

شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە خىزمەت قىلىدىغان لى لى كىتاب ئوقۇشنىڭ يېزا-كەنت بالىلىرىنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ قولايلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلەتتى. ئاساسىي قاتلامدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەكلىك ئۆگىنىش شارائىتىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بالىلارنى كۆپرەك كىتاب ئوقۇش، ياخشى كىتاب ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئويىتېخىمۇ كۈچەيدى. لى لى ئەترەت ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، كوللېكتىپ ئىئانە قىلىش ۋە ئۆزى تەييارلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، 1500 پارچىغا يېقىن ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقى، 150 قاپ بوياق ۋە رەسىم زاكاز قىلدى ھەمدە كۇتۇپخانىغا كىتاب جازىسى ۋە ئۈستەل-ئورۇندۇق سېتىۋېلىپ، كۇتۇپخانىنى ئىللىق ھەم گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، بالىلارنى ئۆزىگە تەۋە ئۆگىنىش دۇنياسىغا ئىگە قىلدى.

لى لى ئۆگىنىش سورۇنى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، دەپ قاراپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلدى، زىيارەت جەريانىدا يۇرتداشلارنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بالىلارنى تەربىيەلەش جەھەتتە قىينىلىدىغانلىقىنىئىگىلىدى. ئۇ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن دەرستىن كېيىنكى يېتەكچىلىك سىنىپى قۇرۇپ، بالىلارنىدەرستىن كېيىنكى مەخسۇس يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. «بىز<7:30دەرسخانىسى>دىن قىشلىق تەتىل، يازلىق تەتىل ھەمدە ھەپتە ئاخىرىدىكى كىچىك دەرسخانىلارغىچە، پائالىيەت يوللىرىمىز ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، سۇپىمىز ئۈزلۈكسىز بېيىدى، مەزمۇنلار ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، بۇنىڭ بىلەن كەنتىمىزنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر مائارىپى مەكتەپ مائارىپىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى تولۇقلىما بولدى، مول ھەم مۇكەممەل بولدى».

بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىش جەريانىدا، لى لى بۇبالىلارنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ، ھەربىر بالىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىنى چۈشەندى. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا ئادەتتىن تاشقىرى ئەستايىدىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلارغىچەكۆڭۈل بۆلۈپ، بالىلارنى توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى. لى لىنىڭ بالىلارغا بولغان ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇقىدىن ئۇ بالىلارنىڭ ئاغزىدىكى «لى ئانا»غا ئايلاندى. «مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز بالامدەك كۆرۈپ، ئانىلىق سالاھىيىتىم بىلەن ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ غەمخورلۇق قىلىپ، بالىلارنىڭ ئىللىق، خۇشال بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزۈشىگە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى خۇشال ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدۈرىمەن» دېدى لى لى.

لى لى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە قانچە چوڭقۇر چۆككەنسېرى، مەسئۇلىيەتنى شۇنچە زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەكلىكىنى شۇنچە چۈشەندى. كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشكە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە قۇچاق ئېچىشىغا ياردەم بەردى.

(يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى: يەن شۆچىن)