[سۈرەتلىك ھېكايە] ئالتە يىل تاماق سۇنۇش جەريانىدا ئورنىتىلغان «ئانا-بالىلىق مېھرى-مۇھەببەت»

日期:2022年04月12日
来源:天山网
【字体:

شى ۋېنيىڭ موماي ھەر قېتىم ئۆمەرنى كۆرگەندە، مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى سىلاپ قويىدۇ (3-ئاينىڭ 31-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى(مۇخبىرلارخەن لياڭ،ياۋ گاڭفوتوسى، خەۋىرى) «شى ئاپا، بۈگۈن سىزگە ئۇششاق تاشلاپ سۇيۇقئاش ئېلىپ كەلدىم». 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسىنىڭ كۆك مودۇن كەنتىدىكى ئۆمەر مەخمۇت دۇكاندا خېرىدار ئاز ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، قوشنىسى شى ۋېنيىڭنىڭ ئۆيىگە چۈشلۈك تاماق ئاپىرىپ بەردى، ئۆمەرنىڭ مومايغا ئىزچىل تاماق سۇنۇۋاتقىنىغا ئالتە يىل بولغانىدى.

ھازىرئۆمەرنىڭ چوڭ قىزى ئادىلە ئۆمەر ھەر كۈنى شى ۋېنيىڭ مومايغا تاماق سۇنىدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى (3-ئاينىڭ 31-كۈنى تارتىلغان).

شى ۋېنيىڭ بۇ يىل 86 ياش، ئېرى2014-يىلى كېسەلسەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئوغلى سىرتتا ئىشلىگەچكە، ئادەتتە يالغۇز تۇراتتى. 55 ياشلىق ئۆمەر شى ۋېنيىڭ موماينىڭ قوشنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇش جەھەتتە قىينىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، دائىم ئۇنى يوقلاپ، تۇخۇم، ياغ ئاپىرىپ بەردى. ھەر كۈنى مومايغا بىر ۋاق تاماق سۇنۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى، شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،ئۆمەر شى ۋېنيىڭنى «شى ئاپا» دەپ چاقىرىدىغان، شى ۋېنيىڭمۇ ئۆمەرنى ئۆز بالىسىدەك كۆرىدىغان بولدى.

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۆمەرنىڭ خوتۇنى نىشاتخان ھېكىمشى ۋېنيىڭ موماينىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ بەرمەكتە.

بۇ ئوغلىنى تىلغا ئالسىلا، شى ۋېنيىڭ موماينىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلىنىدۇ. موماينىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، بىر قېتىم ئۇ زۇكام بولۇپ قالغاندا، ئۆمەر ئۇنىڭغائۈچ ۋاق ئىسسىق تاماق ئاپىرىپبېرىپتۇ، يەنە ئالايىتەن كەنت شىپاخانىسىغا بېرىپ دورا ئەكىلىپ بېرىپتۇ، كەچتە خاتىرجەم بولالمايخوتۇنىنى ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئەۋەتىپتۇ. موماي تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئوغلۇميېنىمدا ئەمەس، ئۆمەرنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغانلىرى ئۆز ئوغلۇمنىڭكىدىنمۇئارتۇق.»«ئاكا، ھېلىمۇ ياخشى سىز بولۇپ قاپسىز، مېنىڭ ئورنۇمدا ئاپامنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدىڭىز.» شى ۋېنيىڭنىڭ ئوغلى جاۋ خەي ھەر كۈنى ئۆمەرگە تېلېفون ئۇرۇپ، ئاپىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورايدۇ، ئاپىسىغا بېرىدىغان تۇرمۇش پۇلىنىمۇ ئۆمەر ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۆمەر، خوتۇنىۋەشى ۋېنيىڭ موماي جاۋ خەي بىلەن سىنلىق پاراڭلاشماقتا.

«بىز ھازىر بىر تۇغقان ئاكا-ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدۇق، ھېيت-بايراملاردا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى دائىم بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرىمىز» دېدى جاۋ خەي. «مەن شى ئاپامنىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئوغلى يىل بويى سىرتتا ئىشلەيدۇ، ئائىلىسىدە باشقا ئەمگەك كۈچى يوق، مومايغا ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن قىلغان بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئىشلار»دېدى ئۆمەر.