[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] نەنياڭدىكى شېئىر يادلاشتا «قالتىس بالا»نىڭ قومۇللۇق ئاچىسى بار

日期:2022年03月23日
来源:天山网
【字体:

ئاپتور:ليۇ مېڭمېڭ

3-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچقۇرۇن، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى ليۇشۇگۇ يېزىسىنىڭ يالغۇز دەرەخ كەنتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە، ئون ياشلىق گۆھەر ئوسمان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كەچلىك تامىقىنى يەپ بولۇپلا تېلېۋىزور ئالدىغا كېلىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلىۋاتقان پىروگراممىنى كۆردى.

«ئىنىم بۈگۈن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ مۇسابىقىگە قاتناشماقچى، مەن ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن.» گۆھەرنىڭ ئىنىسى خېنەن نەنياڭدىكى توققۇز ياشلىق كىچىك دوست شۈ شاۋتىڭ ئىدى. شۇ كۈنى كۆرسىتىلگەن «2022-يىللىق جۇڭگو شېئىر مۇسابىقىسى»نىڭ 5-مەيدان مۇسابىقىسىدە، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى «فېيخۇالىڭ» ھالقىسىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 1-بولدى.

«تۈمەنلىگەن جاپا-مۇشەققەتتىمۇ يەنىلا قەيسەر تۇرۇپ، كۈرمىڭلىغان جاپا-مۇشەققەت، زەربىلەرگە ئەگمىدۇق باش، سوقسىمۇ بوران-چاپقۇن، ھېلىھەم تۇردۇق مانا ياپياش» شۈ شاۋتىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر جېڭ شيېنىڭ «بامبۇك تاش» ناملىق شېئىرىنى ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىپتۇنجى بولۇپ سەھنىگە چىقتى. سەھنىدە، شۈ شاۋتىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، سالماق كۆرۈنىدىغان بولۇپ، تەييارلىغانشېئىرى كىشىلەرنىھەيران قالدۇردىھەمچوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

شۈ شاۋتىڭ يەنە دادىسى شۈ گوچىڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى، نۇرغۇن تاماشىبىن تەسىرلىنىپ ياش تۆكتى. شۈ گوچىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىن 10-تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، 2020-يىلى 4-ئايدا قومۇل شەھىرىگە كېلىپ، ئېۋىرغول رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

شۈ شاۋتىڭ كىچىكىدىنلا شېئىرنىياخشى كۆرەتتى، ھازىرغا قەدەر مىڭغا يېقىن شېئىرنى يادلاپ بولدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش خۇددىزامان-ماكان ھالقىپ ئاپتور بىلەن سۆھبەتلەشكەنگەئوخشايدىكەن. «مەن شېئىر ئارقىلىق دادام بارغان جاي بىلەن تونۇشتۇم، ئۇ يەر<بىپايان قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن تەنھا ئىس-تۈتەك، ئەزىم دەريادا پېتىۋاتقان يۇپيۇمىلاق قۇياش>، <يېڭىدىنتال تېرەك تىكىپ 3000 چاقىرىم، باھار شامىلىنى چىللاپ ئۆتتى يۈمېنگۇەندىن> دېگەن مىسرالاردىكىدەك...» شۈ شاۋتىڭ مۇخبىرغا، تېلېفوندا دادام دائىم شىنجاڭ كەڭرىھەم گۈزەل دەيتتى، دېدى.

2020 ـ يىلى «ئۆكتەبىر بايرىمى» مەزگىلىدە، شۈ شاۋتىڭ قومۇلغا كېلىپ دادىسىنى يوقلىدى، شېئىردىكى شىنجاڭ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

«دادام مېنى نۇرغۇن جايلارغا ئاپاردى، بۇ يەردەسىرلىق داخەيداۋ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانقىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسى، كارىز بار ئىكەن.يەنە دادامغا ئوخشايدىغاننۇرغۇن كىشى بار ئىكەن، ئۇلار قار لەيلىسىدەك پورەكلەپ ئېچىلىپ، چۆل-باياۋانداتوغراقتەكيىلتىز تارتىپتۇ» دېدى شۈ شاۋتىڭ.

شۈشاۋتىڭ بىلەن گۆھەر ئوسماننىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتى.

(مەنبە: شۈ گوچىڭ تەمىنلىگەن)

  شۈ شاۋتىڭ قومۇلدا ئۆزىدىن بىر ياش چوڭ ئاچىسى گۆھەر بىلەن تونۇشتى. «ئىككى يىل ئىلگىرى، دادام بىلەن ئاچامنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تۇغقانلاشتى، مېنىڭ ئىزچىل ئاچامنى كۆرۈپ كەلگۈم بار ئىدى.» شۈ شاۋتىڭ مۇنداق دېدى: ئاچامنىڭ ئۆيىدىكى كۈنلەردە، ئۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتتى، «ئاچام ماڭا نان ياقىدىغان تونۇرنى كۆرسەتتى، بىز قوزا باقتۇق،يەنە ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا يېتىپ ئۈزۈم يېدۇق، ناھايىتى تاتلىق ئىكەن».

ئېۋىرغول رايونىنىڭ غەربىدە بىريېڭىدىن سېلىنغان ئاھالىلەر تۇرالغۇسى بار، ئۇ دەل ليۇشۇگۇ يېزىسىنىڭ يالغۇز دەرەخ كەنتى. 2012-يىلى، 148 ئائىلىلىك چارۋىچى تاغدىن بۇ يەرگەكېلىپ،خېنەن ئۆلكىسى ياردەم بېرىپ قۇرغان قويلۇق ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ كىردى، گۆھەرنىڭئۆيى شۇ يەردە ئىدى.

«دادامنىڭ دېيىشىچە، بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، دادامنىڭيېڭى خىزمىتى بار بوپتۇ. شۈ تاغام بىز بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ئۆيىمىزگە نۇرغۇن كۆكتات مايسىسى ئېلىپ بېرىپتۇ، ھازىر ئاپامئۆيدە كۆكتات تېرىپمۇكىرىم قىلالايدۇ.» گۆھەرنىڭ ئېيتىشىچە،ئىنىسىشاۋتىڭ خېنەنگە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەر ھەپتىدە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىدىكەن، بەزىدە ئۆگىنىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرسا، بەزىدە ئۆزئارا سوۋغائەۋەتىشىدىكەن.

«گەرچە دادامنى كۆرمىگىلى يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، بىراقدادام شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ، مەن ئاچامغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ كىچىك دوستنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن»دېدى شۈ شاۋتىڭ.