ياخشى قوشنىلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتى

日期:2022年04月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن

3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى قوسقاباق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈ شىدۇڭ تېلېفوندا قارشى تەرەپكە مۇنداق دېدى: «ئاچقۇچنى سىزگە ئاپىرىپ بېرەي، چۈشتە ئۆيگە كېلىپ تاماق يەڭ.» ئەسلىدە ئۇنىڭ قوشنىسى جارمۇقامېت شايىق قىزىنى يوقلاپ بېرىپ قايتىپ كەلمەكچى بولغانىدى.

يۈ شىدۇڭ بۇ يىل 70 ياشتا بولۇپ، جارمۇقامېتتىن بىر ياش چوڭ. ئۇلار قان - قېرىنداش «قەدىناس ئاكا - ئۇكا»لار.

ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى 26 يىل ئىلگىرىكى خامان ئېلىشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. يۈ شىدۇڭ ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلىرىنى پاناھ تارتىپ شىنجاڭغا كەلدى، ئۇ 1979 - يىلى قوسقاباق كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ جارمۇقامېت بىلەن بىر كەنتلىك بولۇپ قالدى. 1996 - يىلى 2 - قېتىملىق يېزا يەرلىرىنى ھۆددىگە ئېلىشتا، ئىككى ئائىلىگە تەقسىملەپ بېرىلگەن ئاشلىق ئېتىزىنىڭ ئوتتۇرىسىنى بىر يول ئايرىپ تۇردى.

يۈ شىدۇڭ مۇنداق دېدى: ئاشۇ يىللاردا، يەرگە پۈتۈنلەي بۇغداي تېرىيتتۇق. بۇغداينى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا تولۇق بىلەن يەرنى چىڭداپ جاي ھازىرلايتتۇق، خامان ئېلىش، خامان سورۇش، تاغارغا قاچىلاش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى شۇ يەردىلا تۈگىتەتتۇق. بىز كۈندۈزى ئىشلەپ، كەچتە خاماندا ئاددىيغىنا چېدىر تىكىپ يېتىپ، ھوسۇل ئالغان بۇغدايلىرىمىزغا قارايتتۇق. كەچتە بىكار بولغاندا، ئىككىمىز ئاي يورۇقىدا مۇڭدىشاتتۇق. تۈن نىسپى بولغاندا ئۆز چېدىرلىرىمىزغا قايتىپ ئۇخلايتتۇق. شۇنداق قىلىپ بىز يازلىق يىغىمنى تۈگەتتۇق، شۇنداقلا يەنە دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق.

ياقا يۇرتتا تىرىكچىلىك قىلىدىغان يۈ شىدۇڭنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز بولۇپ، 30 مو ئاشلىق ئېتىزىغا تايىنىپ ئائىلىسىنى قامدايتتى، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. جارمۇقامېتنىڭ يۈكىمۇ ئېغىر ئىدى، خوتۇنىنىڭ تېنى ئاجىز، ئاغرىقچان بولغاچقا ئېغىر ئىشلارنى قىلالمايتتى، تۇرمۇشتىكى ئېغىر يۈكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى. گەرچە، ئىككى ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ جاپا ئىچىدىن خۇشاللىق تېپىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەريانىدا بىر - بىرىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتى، ئىككى ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆيلۈك - ئوچاقلىق بولدى. بالىلار بۇ «قەدىناس ئاكا - ئۇكا»لارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ، جارمۇقامېتنىڭ 3 - قىزى يۈ شىدۇڭغا چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.

1993 - يىلى، جارمۇقامېت ئائىلىسى پۇلدىن قىسىلىپ قېلىپ، 3 - قىزىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمىدى. 3 - قىزى بۇ ئىشنى پەقەت ئۆزى ئىشىنىدىغان يۈ شىدۇڭغىلا ئېيتتى. يۈ شىدۇڭ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ساندۇقىنىڭ تېگىدە ساقلاۋاتقان 500 يۈەن پۇلنى جارمۇقامېتكە بېرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇم قىزىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشنى تاپىلىدى.

جارمۇقامېتنىڭ 3 - قىزى مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، تىرىشىپ ئۆگەندى، يەنە داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشتى. بىر قېتىم خىزمەتكە ئەمدىلا قاتناشقان 3 - قىزىنىڭ ئۆيىگە قايتقاندا، يۈ شىدۇڭغا ئالايىتەن چىرايلىق مايكا سوۋغا قىلغانلىقى يۈ شىدۇڭنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىدە. بىرنەچچە يىلغىچە ئۇنىڭ بۇ مايكىنى كىيىشكە كۆزى قىيمىغانىدى.

2017 - يىلى، جارمۇقامېت ئائىلىسى سەككىز كالا، 18 قويىنى تاغدا ھاۋالىلىك بېقىشقا بەردى، 36 مو ئاشلىق ئېتىزىنىمۇ ئوبوروت قىلدى. شۇ يىلى 8 - ئايدا، ئۇ خوتۇنىنى ئېلىپ باشقا جايغا تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا ماڭدى. يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى يۈ شىدۇڭغا تاپشۇرۇپ قويدى ھەم ئۆيىدىكى تۇخۇملارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بەرگەنلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

يۈ شىدۇڭ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ئاچقۇچنى ماڭا بېرىپ قويۇشى ئۆيىنى ماڭا تاپشۇرۇپ قويغىنى. مەن ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويسام بولمايدۇ.» جارمۇقامېت تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا كەتكەن يېرىم ئاي ۋاقىت ئىچىدە، يۈ شىدۇڭ ھەر كۈنى جارمۇقامېتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ھەممە يېرىنى بىر قۇر ئايلىنىپ توخۇلارغا يەم بېرىپ، كۆكتاتلىقنى سۇغىرىپ، ئۆينىڭ ئىچى - سىرتىنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ تۇردى.

جارمۇقامېتنىڭ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قىلغان تۇنجى ئىشى لىققىدە تۇخۇم قاچىلانغان سېۋەتنى كۆتۈرۈپ بېرىپ يۈ شىدۇڭنى «سوراق قىلىش» بولدى. ئاخىرىدا ئاكا - ئۇكا ئىككىيلەن مەسلىھەتلىشىپ تۇخۇملارنى ئىككى ئائىلە يېرىمدىن بۆلۈشكەندىن كېيىن، جارمۇقامېت بۇ ئىشنى ئاندىن بولدى قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، جارمۇقامېت سەپەرگە چىقسىلا، ئاچقۇچنى يۈ شىدۇڭغا تاپشۇرۇپ قويىدىغان بولدى. جارمۇقامېتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېسەلخانىدا يېتىپ قالغاندا، يۈ شىدۇڭ ئاچقۇچنى ئۈچ ئاي ساقلاپ بەردى. بۇ ئارىلىقتا يۈ شىدۇڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قارىغاندەك ياخشى قارىدى.

جارمۇقامېت مۇنداق دېدى: «مەن ئۇنىڭ قوتان سېلىشىغا ياردەم بەردىم، ئۇ مېنىڭ يېڭى ئۆي سېلىشىمغا ياردەم بەردى، بۇ يىللاردا، بىز ئىككى ئائىلىنىڭ ئۆزئارا ياردەملەشكەن ئىشلىرىمىز ھەقىقەتەن بەكلا كۆپ».