مېھىر - مۇھەببەت بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇرىدۇ

日期:2022年02月21日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«ياۋ ئانا، سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟ تاماقنى چوقۇم ۋاقتىدا يەڭ، ھەپتە ئاخىرىدا بىكار بولساقلا سىزنى يوقلاپ بارىمىز.» باھار بايرىمى ھارپىسىدا، قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى جىنشەن يولى كوچا باشقارمىسى «قەلبداشلار» يېمەك - ئىچمەك دۇكىنىدا، دۇكاندار مامۇت سىدىق 74 ياشلىق ياۋ شۇمېيغا تېلېفون قىلدى. ياۋ شۇمېينىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

2008 - يىلى مامۇت خوتۇنى ھۆرىگۈل ھاشىم بىلەن قەشقەردىن مايتاغقا كېلىپ تىرىكچىلىك قىلدى، مايتاغ رايونىدىكى بىر كارخانىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىدا ئىشلەۋاتقاندا، ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان ياۋ شۇمېي بىلەن تونۇشتى. ياۋ شۇمېي كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى، قىزغىن، قولى ئوچۇق ئىدى، ئادەتتە مامۇت ئەر - خوتۇن بىلەن ھەمىشە ئەھۋاللىشىپ تۇراتتى. «سىلەرنى كۆرسەملا بالىلىرىم ئېسىمگە كېلىدۇ. ئۇلار باشقا شەھەردە تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۆيدىن ئايرىلىپ سىرتتا جان باقماق ئاسان ئەمەس، تۇرمۇشتا قانداق قىيىنچىلىقىڭلار بولسا ماڭا دەڭلار.» ياۋ شۇمېينىڭ سۆزى مامۇتنى چەكسىز تەسىرلەندۈردى.

پاراڭلىشىش جەريانىدا، ياۋ شۇمېي مامۇتنىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىنىڭ سېتىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تېخى مۇۋاپىق ئۆي تاپالمىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنى ئۆيىگە بېرىپ ۋاقىتلىق تۇرۇشقا قىزغىنلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى. «كۆڭلۈمدە شۇنچىلىك ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، ئۇ ئانام بىلەن تەڭدىمەتلىك ئىكەن، بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، بىز ئىختىيارسىز ئۇنى <ئانا> دەپ چاقىردۇق» دېدى مامۇت ھاياجانلانغان ھالدا.

بىر كۈنلۈك ئالدىراش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مامۇت ئۆي ئىشلىرىنى تالىشىپ قىلدى. بوش ۋاقىتلاردا، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ياۋ شۇمېيدىن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەندى، ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئۆگەندى، بىللە تۇرغان كۈنلەردە، ئۇلار بىر - بىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، كۆڭلى بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

2009 - يىلى ھۆرىگۈل ھامىلىدار بولدى، ئەر - خوتۇن ئىككىسى ياۋ شۇمېينى ئاۋارە قىلماسلىق ئۈچۈن، باشقا يەردە تۇرۇشنى قارار قىلدى. كۆچۈپ كېتىشتىن بۇرۇن مامۇت ياۋ شۇمېينىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «ياۋ ئانا، سالامەتلىكىڭىزنى چوقۇم ياخشى ئاسراڭ، بىز سىزنى دائىم يوقلاپ تۇرىمىز» دەپ تاپىلىدى.

كېيىن، مامۇت ئەر - خوتۇن ئىككىسى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئاز - تولا پۇل يىغدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىگىلىك تىكلەش ئويى پەيدا بولدى. ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، مۇۋاپىق دۇكان تاپالماسلىق، تىجارەت كىنىشكىسىنى قانداق بېجىرىشنى بىلمەسلىك قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر مامۇتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىپ، مۇۋاپىق دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىشىغا ياردەم بەردى.

2016 - يىلى مامۇتنىڭ يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى تىجارەت باشلىدى، ئۇنىڭغا «قەلبداشلار» دەپ ئىسىم قويدى. «ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللارنىڭ ياردىمى بولمىسا، بىز ئىككىمىز ئۆزىمىزگىلا تايىنىپ بۇ ئىشنى بىر باشقا چىقىرالمايتتۇق، يېمەك - ئىچمەك دۇكىنىمنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۆزنىكىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى مامۇت.

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ياۋ شۇمېينىڭ 74 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى جىنشەن يولى كوچا باشقارمىسى 4 - مەھەللىسىنىڭ پائالىيەت ئۆيىدە، مامۇت قوشنىلىرىنى ياۋ شۇمېينىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلدى. «بالام، بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدە ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز تۇغۇلغان كۈنۈم بولدى، رەھمەت ساڭا» دېدى ياۋ شۇمېي ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ.

كىچىككىنە ئىللىقلىق مامۇتنى مايتاغ رايونىدا يىلتىز تارتقۇزدى، يېمەك - ئىچمەك دۇكىنىنىڭ تىجارىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئۇنىڭغا جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئۇ مەززىلىك پولۇ ئېتىپ قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا ئاپىرىپ بەردى؛ قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتا، ئۇ مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىدىن ھال سوراشنى ئۇنتۇپ قالمىدى؛ قەيەردە ئاپەت يۈزبەرسە، ئۇ دائىم پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا تىجارەتچىلەرنىمۇ بىرلىكتە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

«مۇھەببەت مىللەت ئايرىمايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئەسلىدىنلا بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىز ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر - بىرىمىزگە تايانساقلا، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيمىز» دېدى مامۇت.