[مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى] ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ 60 يىللىق دوستلۇقى

日期:2021年11月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

  ئاپتورلىرى:بارشا تەگىس، لو جيې

10-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۆلياقا يېزىسى كۆلياقا كەنتىدە قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەشكە باشلىدى. جاڭ جيۇخۇا ئىنىسى قۇسايىن زېكېن ئائىلىسىنىڭ تېخى زاپاس كۆمۈر تەييارلاشقا ئۈلگۈرمىگەنلىكىنى ئويلاپ ئەندىشە قىلدى. ئۇ دەرھال خوتۇنى نيۇ جۈيىڭ بىلەن ئۈچ چاقلىق ھارۋىغا كۆمۈر قاچىلاپ، ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرمەكچى بولدى.

ئاكىسى بىلەنيەڭگىسىموھتاج بولغاندا جانغا ئەسقاتتى، قۇسايىن خۇشال ھالدا خوتۇنىغا چۈشلۈك تاماق تەييارلاشنى ئېيتىپ، ئاكىسى بىلەن يەڭگىسىنى گۆش سېلىپ مېھمان قىلماقچى بولدى.

قۇسايىن ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىتىلغا ئېلىنغاندا، جاڭ جيۇخۇا پەخىرلەنگەن ھالدا: «بۇ دېگەنئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ 60 يىللىق دوستلۇقى!»دېدى.

جاڭ جيۇخۇا بىلەن قۇسايىن زېكېن پاراڭلاشماقتا (10-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان).

پولات فوتوسى

1960-يىلى 7-ئايدا، جاڭ جيۇخۇانىڭ دادىسى جاڭ جىۋېن پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ گەنسۇنىڭ جاڭيېدىن باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە كەلدى. شۇ چاغدا كەنتتە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان زېكېن يېرمەكەي ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.زېكېن ئۆزىنىڭ بىر ئېغىز كېسەك ئۆيىنى جاڭ جىۋېن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرۇشىغا بەردى، يەنە ئۇلارغا ئاشلىق، ئوتۇن ئاپىرىپ بەردى، ياغاچچىلىقتىن خەۋىرى بار جاڭ جىۋېن بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندى، ئەڭ ياخشى ياغاچ ماتېرىياللىرى بىلەن زېكېننىڭ ئۆيىگە ئىشكاپ ياساپ بەردى.

ئاشۇ جاپالىق يىللاردا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر چەينەكتىكى ئەتكەنچاينى تەڭ ئىچىپ، بىر قازاننىڭ تامىقىنى يېدى. زېكېننىڭ مېھرىبانلىقىدىن جاڭ جىۋېن بىر ئائىلە كىشىلىرى چەكسىز مىننەتدار بولدى، شۇنداقلا ئىككى ئائىلىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

قۇسايىن زېكېننىڭ ئوغلى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جاڭ جيۇخۇا ئىككىمىزنىڭ يېشى تەڭ، بىز خۇددى بىر قورساق قېرىنداشلاردەككىچىكىمىزدىن تارتىپ بىللە چارۋا بېقىپ، بىللە ئويناپ چوڭ بولغان».

2011-يىلى، جاڭ جىۋېننىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىدا 15 كۈن ھوشسىز ياتتى. ئېغىر كېسەلدىن يېڭىلا ئەسلىگە كېلىپ،كۆلياقا كەنتىگە قايتىپ كەلگەن جاڭ جىۋېن زېكېننى قۇچاقلاپ يىغلاپ تۇرۇپ: «سىزنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم،دەپ ئويلىغانىدىم»، دېدى. زېكېن جاڭ جىۋېننىڭ «ئۆلۈم گىردابى»غا بىر بېرىپ كەلگەنلىكىنىئاڭلاپ، كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى.

2015-يىلى 9-ئاينىڭ بىر كۈنى، قۇسايىننىڭ چوڭ ئوغلى غېلىمبېك ئوت-چۆپ ئېلىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، جاڭ جيۇخۇا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال ماشىنىنى ھەيدەپ نەچچە ئون كىلومېتىر جايغىچە ئىزدەپ غېلىمبېكنى تاپتى. بەختكە يارىشا، غېلىمبېكقا ھېچ ئىش بولمىغانىدى. جاڭ جيۇخۇا بىر ماشىنا ئوت-چۆپنى ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا بېسىپ، غېلىمبېكقا ياردەملىشىپ ئۆيىگە ئاپىرىشىپ بەردى، ئاندىن يەنە قايتىپ كېلىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن ماشىنىنى ئۆيگە سۆرەپ ئەكىلىپ كېچىلەپ رېمونت قىلدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، قۇسايىننىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى،ئۆيدىكى چارۋىلارنى باقىدىغان، ئون مودىن ئارتۇق بۇغداينى تېرىيدىغان ئېغىر يۈك كىچىك ئوغلى باقىتبېكنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. بۇلارنى ئېسىگە ئالغان جاڭ جيۇخۇا ئوغلى جاڭ تاۋنى ئېلىپ باقىتبېككە ياردەملەشتى. جاڭ جيۇخۇا: «ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، سېنىڭ، مېنىڭ دېمەيمىز!» دېدى.

بۇلتۇر قىشتىكىقاتتىق قار ياغقان بىر ئاخشىمى، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان قۇسايىن جاڭ جيۇخۇاغا تېلېفون قىلىپ، خوتۇنىنىڭ سىرتقا چىققاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ كېتىپبېلىنى قايرىۋالغانلىقىنى، جاڭ جيۇخۇانىڭ ئامال قىلىپ بېقىشىنى ئېيتتى. قاراڭغۇ كېچىدە، جاڭ جيۇخۇا بىلەن نيۇ جۈيىڭ قۇسايىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، قۇسايىننىڭ خوتۇنىنىڭ بېلىگەدورا سۈركەپ،ئەھۋالى سەلياخشىلانغاندىن كېيىنئاندىن قايتتى.

دادىسى جاڭ جيۇخۇانىڭ تەسىرىدە، جاڭ تاۋمۇ قازاقچىنى راۋان سۆزلىيەلەيتتى. 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەن جاڭ تاۋ غېلىمبېك بىلەن بىللە ناھىيە بازىرىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشنى پىلانلىدى.

«مەن غېلىمبېك بىلەن كىچىكىمىزدىن بىللە چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئىشى بولسا بىرىنچى بولۇپ تېلېفون قىلىپ ئىزدەيدىغان ئادىمى چوقۇم مەن»دېدى جاڭ تاۋ.

غېلىمبېك مۇنداق دېدى: ئۆيدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارداھەر قېتىم مەن تېخى ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا، جاڭ جيۇخۇا بىر ئائىلە كىشىلىرى كېلىپ ياردەملىشىدۇ.

«بىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئارىسىدا «ئارىيەت ئېلىش» ۋە «قايتۇرۇش» دېگەندەك سۆزلەر بولۇپ باقمىغان. ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپ، ياخشى نەرسىلەر بولسا بىللە يەيمىز، قىيىنچىلىق بولسا بىللە ھەل قىلىمىز»، دېدى غېلىمبېك.

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى