تىرىشىپ تىل-يېزىق بازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن

日期:2019年02月15日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى (تەرجىمە ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى ئىبراھىم ئىساق

«ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش جىنايەتچى، ئۇلاردا مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، دۆلەتنى پارچىلاشتەك رەزىل غەرەز ۋە سىياسىي سۇيىقەست يوشۇرۇنغان.

مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇقىغا ئېرىشكەن پارتىيەلىك كادىر، شۇنداقلا تىل-يېزىق خىزمەتچىسى. مەن بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، «ئىككى پان» خاتا ئىدىيەسىنى قەتئىي تەنقىدلەپ، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، قەتئىي ھالدا تار مىللەتچىلىك بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، تىرىشىپ تىل-يېزىق بازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن.

يېقىنقى يىللاردا «ئىككى پان» خاتا ئىدىيەسىنىڭ تەسىرى ۋە سىڭدۈرمىچىلىكىدە، تىل-يېزىق ساھەسىدە بىرقىسىم مەسىلىلەر كۆرۈلدى. قايغۇدىن كېيىن ئىلگىرىكى ئازابلارنى قايتا ئەسلىسەك، بىز پارتىيەگە سادىق بولۇش، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇش، بايرىقى روشەن بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالىدۇقمۇ-يوق؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ كومپارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇقمۇ-يوق، ئۆزىمىزنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇقمۇ-يوق، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتىشتۈرۈشى ۋە كۆيۈنۈشىنى ئۇنتۇپ قالدۇقمۇ-يوق؟ بىز پەقەت ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىنى ئىشلىتىپ ئالاقىلىشىشنىلا تەكىتلىۋالدۇقمۇ-يوق؟

پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆزۈمنىڭ بىرىنچى سالاھىيىتىمنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايمەن. مەيلى قاچان، قەيەردە بولاي، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، ئۆزۈمنىڭ پارتىيەگە كىرگەن چاغدا بەرگەن قەسىمىمنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايمەن، باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ قەلبىمگە پۈكۈپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بارلىق كۈچۈمنى بېغىشلايمەن، ھەتتا بارلىقىمنى قۇربان قىلىمەن! مەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەق- ناھەقنى ئايرىمايدىغان، ۋىجدانىنى يوقىتىدىغان، قىلچە تۆۋەن چەك بولمىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن.

شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى؛ تارىختا جۇڭگو ۋە جۇڭخۇا مىللىتى باشتىن-ئاخىر ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىش ۋە بىرىكىش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى، دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىپ راۋاجلىنىشى باشتىن-ئاخىر ئاساسلىق يۆنىلىش بولۇپ كەلدى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى باشتىن-ئاخىر ئاساسىي ئېقىم بولدى؛ شىنجاڭ ئەزەلدىن «شەرقىي تۈركىستان» ئەمەس، قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» دېگەن نەرسە تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس.

شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى. كۆپ مىللەتلىك بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىنى، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى. شىنجاڭ رايونى ھەم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ماكانى، تېخىمۇ مۇھىمى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. مەن قەتئىي ھالدا «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ــــ ئاپەت، دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ھۆرمەتلىشى، ئۆزئارا يول قويۇشى، ئۆزئارا زوقلىنىشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى تىل-يېزىق خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ تىل-يېزىق بازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن. مەن قەتئىي ھالدا «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، تىل-يېزىق خىزمىتىدىكى «ئىككى پان» ئىدىيەسى ھەمدە «جۇڭگوچىسىزلاشتۇرۇش» قاتارلىق زەھەرلىك ئۆسمىلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي تازىلايمەن.

خىزمەت جەريانىدا، مەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە تىل-يېزىق خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.