ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىنى قومۇرۇپ تاشلايمەن

日期:2019年02月15日
来源:天山网
【字体:

تولى ناھىيەسى تولى بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى مۇرات قېدىربېك

يۇرتۇمنىڭ تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك، ئوت-چۆپلىرى مول، مال چارۋىلىرى سېمىز، ھەر مىللەت خەلق ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا يول قويۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، خاتىرجەم- ئىتتىپاق، بەختىيار-گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقتى. مەن بىر كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى تەربىيەسىنى ئالدىم. مەن كىچىكىمدىن خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان دوستلار بىلەن بىللە ئوينايتتىم، بولۇپمۇ ھېيت-بايراملاردا، كۆپچىلىك بىللە پوجاڭزا ئاتاتتۇق، قوشنىلار بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئۆزئارا مۇبارەكلىشەتتۇق، كۆپچىلىك ئۆزئارا سىڭىشكەن، بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان ئىناق مۇھىتتا ياشايتتۇق. مەيلى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياكى خىزمەت قىلغان چاغلىرىمدا بولسۇن، مەن ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە ياشىدىم، ھەر بىرىمىز ئۆزئارا بىللە ئۆتكەن گۈزەل چاغلارنى قەدىرلەيمىز.

«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭ تارىخىنى ھەدەپ بۇرمىلاپ، ئويدۇرۇپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بەزى ئامما دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچراپ، مىللەت بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تازا ياخشى چۈشىنەلمىدى؛ بەزى پارتىيەلىك كادىرلار كۆرۈنۈشتە دىنغا ئېتىقاد قىلمىغاندەك بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن ئېتىقاد قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپنى پۈتۈنلەي ئەستىن چىقاردى. بۇ خىل ئىپادىلەر دەل دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىدىن ئىبارەت زەھەرنىڭ سەۋەبىدىن بولغان، ئۇ ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزدى، كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىپىگە كاشىلا قىلدى، بۇزغۇنچىلىق قىلدى، تېخىمۇ مۇھىمى، بەزى كادىرلارنىڭ ھەق-ناھەق ئۆلچىمىنى يوقىتىشىغا، ھەتتا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ئايلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول بولۇشىغا سەۋەب بولدى. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تومۇرداش جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى؛ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەرتىپىنى ئورنىتىشقا، خاتىرجەم-ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بىز «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزىنى ئېنىق كۆرۈپ، مىللەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قاتتىق مۇشت بىلەن زەربە بېرىپ، بىر قاتار كارغا كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇرىدىغان مۇھىم، زور باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭدىن قىن-قىنىغا پاتماي خۇشال بولدى.

دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە دائىر نۇرغۇن ياڭراق ماقالىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى پۈتۈنلەي يېپيېڭى تۈسكە كىردى، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان بىر خىل زامانىۋى مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتى ئەۋج ئالدى. بىز ھەربىرىمىز دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن بۇرمىلانغان پاكىتلارنى توغرىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئازاد قىلىپ، كونا قائىدە، قالاق ئادەتلەر ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئاڭلىق ھالدا بىر مەيدان «ئىدىيەنى چوڭ تازىلاش» ئېلىپ بېرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراق تۇرۇپ، مەدەنىي، ئىناق، ئاكتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان زامانىۋى تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىمىز كېرەك.

ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئاممىۋى خىزمەتنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ خەۋپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغدايمەن. مەن ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئۇششاق، ئىنچىكە، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، قەتئىي ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە سىڭىپ كىرىش تۇپرىقىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى قومۇرۇپ تاشلايمەن.