پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلايمەن

日期:2019年02月12日
来源:天山网
【字体:

خوتەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى مىجىت تۇرسۇننىياز

قايسى بىر چاغلاردا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تەسىرىدە، ئاممىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشىنى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر كونترول قىلىۋالغانىدى. «ئۈچ خىل كۈچ» دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتى، ئاياللار نىقابلىق كىيىم كىيدى، ئەرلەر ساقال-بۇرۇت قويۇۋالدى، بەزى بالىلار مەكتەپكە بارماي، بەلكى يەر ئاستى دىن ئۆگىنىش نۇقتىلىرىغا باردى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل نىيىتىنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى، ئۇلار دىننى دەستەك قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ جەمئىيىتىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئاستىرتىن «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈردى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»تىنمۇ بەكرەك خەتەرلىك، بەكرەك ياۋۇز، خەۋپى تېخىمۇ زور.

ھازىرقى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتى ئالدىدا، مەن قەتئىي ھالدا تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرىمەن:

غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ھەر ۋاقىت كوممۇنىزملىق غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ماركسىزملىق دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزىمەن. باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بايراق ۋە يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، ئاڭلىق ھالدا باش نىشاننى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن، بارلىق خىزمەتلەرنى باش نىشاننى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش، پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە پايدىلىق بولۇش-بولماسلىقنى مەسىلىلەرنى ئويلاش، ئىش قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئاساسى قىلىپ، ھەقىقىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، چىڭ تۇرۇپ ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، قايتا-قايتا ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش داۋامىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئۆگىنىش داۋامىدا ئۆستۈرۈش، ئۆگىنىش داۋامىدا خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى يۆنىلىش قىلىمەن. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغىلى، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە تاقابىل تۇرغىلى، سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ ئاندىن قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرغىلى، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ؛ ئاندىن ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە توغرا بولغان يۆنىلىشتىن قىلچە ئېغىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى غايەت زور مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىمەن! قەتئىي ھالدا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاكىز قازىمەن، پاكىز يوقىتىمەن!

«بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن. ھەقىقىي تۈردە تەدبىر قوللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق «بەش قاراش» «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى توپلاپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئارقىلىق جان تومۇرنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتىمەن.