پارتىيەگە سادىق بولۇپ، ۋەتەنگە سادىق بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىمەن

日期:2019年01月24日
来源:天山网
【字体:

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى قانۇن ئىجرا قىلىش رېۋىزىيە تارماق ئەترىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى مەمتىمىن سەمەت

ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ــــ ھەربىر جۇڭگو پۇقراسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئۇلىنى پۇختىلايمەن.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىگەچكە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈزبەردى، تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتىدۇ.

بىراق «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، بېيىپ قۇدرەت تېپىشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى كۆرۈشنى خالىمىدى، ئۇلار ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئاماللار بىلەن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بىزنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى زوراۋانلىق قىلمىش بولۇپ، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ئۇنى ھەرقانداق كۈچ توسۇيالمايدۇ، ۋەتەننى پارچىلاشقا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك ھەرقانداق جىنايى قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قەتئىي ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ، جەزمەن ئەجەللىك زەربىگە ئۇچرايدۇ.

پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى ماھىيىتىنى ۋە رېئال خەۋپىنى ئېنىق تونۇشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشقا، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداشقا، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى ئورتاق يارىتىشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان ئومۇملۇقنى قوغدايمەن.

باشتىن-ئاخىر غايە-ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىدىيەنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن.

باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىدە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويىمەن، مەيلى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا بولاي، مەيلى قانداق ئورۇندا بولاي، باشتىن-ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئەڭ زور سىياسىي مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.