باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سەيسەن سادىق

日期:2019年01月24日
来源:天山网
【字体:

جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مول ۋە چوڭقۇر، رەڭدار ۋە كۆركەم. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، جۇڭخۇا مىللەتلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ياراتقان. شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە باشتىلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن تامغىسى بېسىلغان. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى يۇرتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بولۇپ كەلدى.

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا بىللە بولۇپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇردى، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇردى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا تىللاردا داستان بولغۇدەك بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر شەخسلەر مەيدانغا كەلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن-ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتقا ئېرىشتۈردى.

بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى:

سىياسىي ئېڭىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، ئىشەنچلىك بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئىپادىلەيمەن.

«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي پاش قىلىمەن، تەنقىدلەيمەن. كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر سەھنىدە ئۈنلۈك شوئار توۋلاپ، سەھنىدىن چۈشكەندە قارشى مۇقام توۋلاپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئېغىز-بۇرۇن يالاشتى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى. چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، مەن بايرىقىم روشەن ھالدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تارقاتقان يالغان سەپسەتىلەرنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، قەتئىي ھالدا ئۇلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرىمەن. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ھەم كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتى، ھەم باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىسى. مەن مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.