مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمەن

توقسۇن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر نىياز

日期:2019年12月29日
来源:新疆日报
【字体:

دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، ئۇزاق تارىخىنى، شانلىق مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا يۇغۇرۇلىدىغان، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىدىغان، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىن بولغان، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخى 56 مىللەتنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇش ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش تارىخىدۇر. ئۇزاق مەزگىللىك ئالاقىلىشىش داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئورتاق ئىشلەپچىقىرىپ، تۇرمۇش كەچۈرۈپ، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، بىر - بىرىدىن ئايرىلماي، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈردى؛ ئۇزاق مەزگىللىك ئالاقىلىشىش داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۆزئارا دوستانە - ئىناق ئۆتۈپ، گۈزەل يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ، قان بىلەن گۆشتەك يېقىن بولغان چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت ئورناتتى. جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بىر چوڭ ئائىلە بىلەن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ مۇناسىۋىتى؛ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭ ئائىلىدىكى ئوخشىمىغان ئەزالارنىڭ مۇناسىۋىتى. چوڭ ئائىلىدىكى بارلىق ئەزالار پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ، خاتىرجەم ياشاپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

مەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى بولمىسا جەمئىيەت مۇقىملىقى بولمايدۇ، مۇقىملىق بولمىسا بارلىق تەرەققىياتلاردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئېرىشكەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ھەر مىللەت خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، شۇنىڭدەك ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ مەيدان كۈرەشتە زەربىدار بولۇپ، ئاۋانگارت بولۇپ، قەتئىي تۈردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل، ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغىچە سىڭدۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ ئۇششاق، ئىنچىكە ئىش - ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىنى تارقىتىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ دېگەن روھىي ھالەت بىلەن، پارتىيە تاپشۇرغان شەرەپلىك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندايمەن.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ئەڭ چىرايلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مېۋىسى ئەڭ تاتلىق، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان خەلق ئەڭ بەختلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان دۆلەت ئەڭ قۇدرەتلىك. بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىش - تەرەققىي قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش - راۋاجلىنىش چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، تەستە قولغا كەلگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.