شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەستنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پەزىلەت سەمەت

日期:2019年12月31日
来源:新疆日报
【字体:

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسى ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشى، غەزىپى، لەنىتىنى قوزغىدى. شىنجاڭدا تۇغۇلغان، شىنجاڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا قەستەن تۆھمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تېررورىزمغا زەربە بېرىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا ھە دەپ قارا چاپلاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئاساسسىز ئەيىبلەشتەك رەزىل قىلمىشىغا قارىتا كۈچلۈك غەزەپلىنىدىغانلىقىمنى، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدا نەچچە مىڭ قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)لىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلىش ساداسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. بۇ خىل كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، ئاپتونوم رايون قانۇن بويىچە بىر قاتار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلىدى. ھالبۇكى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار «قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللاپ، پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلغانلىقىنى كۆڭلىدە يامانلىق ساقلىغانلىق، رەزىللىكتە چېكىگە يەتكەنلىك دېيىشكە بولىدۇ.

شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭ تۇپرىقىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەر مىللەت قېرىنداشلار پارتىيەنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق ئېچىپ گۈللەندۈردى. ھازىرقى شىنجاڭدا پۇقرالار خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق، تۈرلۈك ئىشلار كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتىدۇ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاندى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى ۋە 12 يىللىق ئۇل مائارىپ بىلەن تولۇق قاپلاندى، ھەر يىلى ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، ئەمىن ئۆي ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق بۇ كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتى، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەنمەكتە، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى ئورتاق قوغدىماقتا.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، مەن گۇما ناھىيەسىدىكى يېزىلارنىڭ قىياپىتى ۋە دېھقان ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىزنىڭ كەنتىمىزدىمۇ گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلدى. ھازىر مەن تۇرۇۋاتقان كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ بەلقۇم كەنتىگە كىرگەندە، رەتلىك، پاكىز دېھقان ھويلىلىرىنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى؛ مەيلى غول يول بولسۇن، ياكى كوچا يوللىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئاسفالتلاشتۇرۇلغانلىقىنى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە رەتلىك كۆكەرتىش ئورمىنى بارلىقىنى؛ كەڭرى كەنت مەدەنىيەت مەيدانىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شادىمان كۈلكە - پاراڭلىرى بىلەن تولغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ... 71 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بۇمەريەم روزى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدە بۇ بىرقانچە يىلدا ئۆزگىرىش بەك چوڭ! ئىلگىرى ئىشىكتىن چىقساق ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستبېشىمىز توپىغا مىلىنىپ كېتەتتى، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ئاياغلىرىمىز پاتقاققا مىلىنىپ كېتەتتى، كېرەكسىز نەرسىلەر ھەممە جايغا دۆۋىلەپ قويۇلاتتى، ئەخلەتلەرنى ھەممە جايدا كۆرگىلى بولاتتى. ھازىر ياخشى بولدى، يول قاتتىقلاشتۇرۇلدى، يەنە يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى، ئەخلەت ساندۇقلىرى سەپلەندى، مەدەنىيەت مەيدانى بار بولدى، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى مەزگىلىدە بىز يەنە مەيداندا ئۇسسۇل ئوينايمىز. تۇرمۇشىمىز ھەقىقەتەن بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ».

مەن ئىلگىرى دائىم ناھىيەدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە بېرىپ ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان، قانۇنغا يېنىكرەك خىلاپ جىنايى قىلمىشى بار ئاشۇ تەربىيەلەنگۈچىلەرنى يوقلايتتىم. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، ئۇلار دۆلەت ئورتاق - تىل يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كەنت ئاھالىسى نۇرئەخمەت مەخمۇت ئىلگىرى خوتۇنىنى نىقابلىق كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلىغانىدى. ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قانۇن ئېڭى كۈچىيىپ، نېمىنىڭ قانۇنلۇقلۇقى، نېمىنىڭ قانۇنسىزلىقىنى بىلىۋالدى، يەنە ياغاچچىلىق ماھارىتىنى ئۆگەندى. ھازىر، ئۇ تەربىيەنى تاماملاپ كەنتكە قايتىپ كەلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۆگىنىش ئارقىلىق مەن ھەق - ناھەقنى، ئاق - قارىنى بىلىۋالدىم. ھازىر مەن بىر ئۆي جاھازىلىرى زاۋۇتىدا ئىشلەپ، ھەر ئايدا 3000 يۈەن كىرىم قىلىمەن، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. تەلىم - تەربىيە مەركىزى مېنى قۇتقۇزۇۋېلىپ، ماڭا يېڭى تۇرمۇش يولى ئېچىپ بەردى».

بەلقۇم كەنتى مۇقىم، ئىتتىپاق بولدى، گۈللىنىپ راۋاجلاندى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى يۇرتداشلار كۆزى بىلەن كۆرۈپ، كۆڭلىدە خۇش بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇشىنى بەس - بەستە ئالقىشلىدى. كەنتتە يەنە كەنت تارىخى سارىيى قۇرۇلدى. كەنت ئاھالىسى غۇجىمەمەت ھوشۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنت تارىخى سارىيىدا كەنتتىكى يېڭى - كونا ئۆزگىرىشلەر نامايان قىلىنغان سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلىپ، ئەۋلادلارغا ئىلگىرى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ قانداقلىقى، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنىڭ يەنە قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ياشلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، ياخشى كۈنلەرنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى بىلىشىنى، ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

پاكىت مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ھەققانىي تەدبىر بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى. ھازىر، شىنجاڭدا ئۇدا ئۈچ يىل زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو (ۋەقە)سى يۈزبەرمىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىناق، گۈللەنگەن مەنزىرە بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

پارتىيەلىك بىر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىمەن، قەتئىي كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاتلىنىشقا، باياشات، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشى، تۆھمەت قىلىشىغا قارىتا ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىمەن!