مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن

日期:2018年12月22日
来源:天山网
【字体:

تيەنلى گاۋشىن نېفىت خىمىيەسى گاز يەتكۈزۈش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى ئالىمجان ئوسمان

شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بىز ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئاچقان، گۈللەندۈرگەن ۋە ياشاپ كەلگەن جاي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق يۇرت- ماكانىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ھەر مىللەت خەلق قويۇق ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا تايىنىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىدى.

ۋەتەن بىزنىڭ ئانىمىز، بىزنىڭ بارلىقىمىز، ۋەتەن بولمىسا بىزنىڭ ھېچنەرسىمىز بولمايدۇ، بىزنىڭ پەقەت بىرلا ۋەتىنىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى. قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بىزگە بىخەتەر، مۇقىم تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەچكە، بىز خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز. ۋەتىنىمىز خۇددى بىر گىگانت ئادەمگە ئوخشاش، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى بوران- چاپقۇندىن ساقلاپ، بىز ھەربىرەيلەننى بۇ زېمىندا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

2017- يىلى، مەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە قاتناشتىم. جەنۇبىي شىنجاڭدا كەنتتە تۇرۇش ئارقىلىق، مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان خالىس ياردىمىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھازىر، كەنت ئاھالىلىرى بىخەتەر، ئازادە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدە ئولتۇرۇۋاتىدۇ، كەڭ، راۋان ئاسفالت يوللاردا مېڭىۋاتىدۇ، پاكىز، بىخەتەر تۇرۇبا سۈيى ئىچىۋاتىدۇ، دۆلەت تولۇقلىما بېرىدىغان بېيىش ئېتىزلىرىنى تېرىۋاتىدۇ، يەسلىدە ھەقسىز ئوزۇقلۇق تاماق بار، كەنت ئاھالىلىرى ھەريىلى سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتىدۇ، ئاشلىق تېرىسا تولۇقلىما بار، باقمىچىلىق قىلسا تولۇقلىما بار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا تولۇقلىما بار، ئۆي سالسا تولۇقلىما بار، ياشانغاندا كۈتۈنۈش تولۇقلىمىسى بار، پىلانلىق تۇغۇت تولۇقلىمىسى بار، كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، قىيىنچىلىقى بولسا تۆۋەن كاپالەت بار، ئىگە- چاقىسىز ياشانغانلار ۋە يېتىملارغا پاراۋانلىق بار، بۇنچە بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى كىم بەرگەن؟ دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى! بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر، يېڭى نەتىجىلەر، يېڭى كەيپىياتلار، ئەجەبا پارتىيەنىڭ پۇقرالار ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشى، ئەمەلىي ئىشى ئەمەسمۇ؟ ھەرمىللەت ئامما بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىزنى نامرات، قالاق، نادان ئوتتۇرا ئەسىرگە قايتۇرۇپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بىزگە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تېڭىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئاچا- سىڭىللىرىمىزنىڭ چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلەكلىرىنى قارا رەڭلىك نىقابلىق كىيىمگە ئالماشتۇرۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئاچا- سىڭىللىرىمىزنىڭ گۈزەل سۇمبۇل چاچلىرى ۋە ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىرىنى قارا چۈمبەل ئاستىغا ئوراشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بالىلىرىمىزنى ئوقۇش، ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچتۈرۈپ نادانلىق، بىلىمسىزلىك دۇنياسىغا باشلاپ كىرىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئەرلەرنى قولىغا جاللاتلىق قىلىچىنى ئېلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ تۇيۇق يولىغا باشلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بىز يەنە سۈكۈت قىلىپ تۇرالامدۇق؟ تۇرالمايمىز! بىز قەتئىي قوشۇلمايمىز!

«ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە». پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بايرىقىم روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.