مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ مۇستەھكەم ئۇل تېشى

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس گۈلشات شىرئەلى

日期:2019年11月21日
来源:新疆日报
【字体:

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ پائالىيەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

مېنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش كەچۈرمىشىم بۇنىڭ كۈچلۈك ئىسپاتى. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، مەن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈژمە يېزىسىدىكى ئالتە ئائىلىلىك ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن ئىزدەشكەنسېرى تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئىزدەشكەنسېرى تېخىمۇ تۇغقاندەك بولۇپ كەتتىم، تۇغقانلارنىڭ نامراتلىقتىن مەنىۋى جەھەتتىن بېيىش، تۇرمۇشى باياشاتلىشىشقا يۈزلىنىش جەريانىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، شۇنداقلا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلغانلىقى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەنلىكى، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق، مۇقىم قىلغانلىقىدەك جەرياننى ئۆز بېشىمدىن كەچۈردۈم.

بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىش، كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈلنى ئۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسىي ئالدىنقى شەرتى. مېنىڭ سادىق ئەلى دېگەن بىر قوشماقلاشقان تۇغقىنىم بار، تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە ئۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، چۈنكى ئۇ باشتىن - ئاخىر كۆپ گەپ قىلمىغان، كۈلمىگەن، غەمكىن كۆرۈنگەنىدى. قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا مەن كۆڭلۈمدە: «مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇغقان بولۇپ، شۇنچە كۆپ سوۋغا بەرسەم، ئۇ نېمىشقا خۇشال بولمايدۇ؟»، دېگەننى ئويلىدىم، بۇ تۈگۈن مېنى ئىزچىل قىيناپ كەلدى. مېنىڭ پات - پات يوقلاپ تۇرۇشۇم، پات - پات ھال - ئەھۋال سوراپ تۇرۇشۇمغا ئەگىشىپ، ئۇ مەن بىلەن سىردىشىدىغان بولدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ غەم قىلىۋاتقىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولۇپ، قانداق تەرەققىي قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان ئىكەن، خوتۇنى ئۇزاق مەزگىل ئاغرىق بولغاچقا، دورا چىقىمىنى كۆتۈرەلمەيۋاتقان، ئوغلى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 - يىللىقىنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا بولۇپ، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تېخى ھەل قىلالمايۋاتقان ئىكەن... ئۇ: «مۇشۇلارنى ئويلىسام، مەن قانداقمۇ خۇشال بولالايمەن؟» دېدى. ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ مەن جەزمەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى ئويلىدىم. مەن: «خاتىرجەم بولۇڭ، يەنە مەن بار ئەمەسمۇ؟ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى، مەن سىز بىلەن قىيىن ئۆتكەللەردىن بىللە ئۆتىمەن» دېدىم. كېيىنكى كۈنلەردە مەن سادىقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەرەپ - تەرەپكە قاترىدىم. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە پۈتۈن كەنتتە ئۇن پىششىقلاش كارخانىسى يوق بولۇشتەك ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، مەن ئۇنىڭغا كىچىك تىپتىكى ئۇن زاۋۇتى قۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدىم، بۇنداق قىلغاندا ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى، ھەم ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولاتتى، مەبلەغمۇ جىق كەتمەيتتى. ئۇ مېنىڭ تەكلىپىمگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، «ئائىلە شەكلى»دىكى ئۇن زاۋۇتىنى قۇردى، سادىق ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارا - بارا ياخشىلاندى، ئۇنىڭ چىرايىمۇ ئېچىلدى. كىرىمنى ئاشۇرۇش مەسىلىسى ھەل بولدى، بالىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ مەن كۆپ قېتىم ئوبلاستلىق، ناھىيەلىك مائارىپ تارماقلىرىغا بېرىپ سىياسەتنى ئىگىلىدىم، قاتلاممۇ قاتلام تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ئاخىر سادىقنىڭ ئوغلى ئىمىن سادىققا 6000 يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ ئالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، مېنى كۆرسىلا، سادىق خۇش چىراي كۆرۈشىدىغان بولدى. مەن ئىختىيارسىز شۇنداق ھېس قىلدىمكى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببىتىمىزنى بېغىشلاپ، چىن كۆڭلىمىزنى تەقدىم قىلىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ ھالىغا يېتىپ، كۆڭۈل ئارقىلىق كۆڭۈلنى ئۇتساقلا، ئىللىتقىلى بولمايدىغان قەلب يوق!

«بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش جەريانىدا، مەن باشتىن - ئاخىر قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تۇغقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئىدىيەۋى قاراشنى ئۆزگەرتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۇغقانلىرىمغا پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردۈم. چۈشەندۈرۈشۈمنى ئاڭلاپ، تۇغقانلىرىم بەس - بەستە خۇرسەن بولۇپ مۇنداق دېيىشتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە رەھمەت، يېڭى جۇڭگوغا رەھمەت، باش شۇجى شى جىنپىڭغا رەھمەت!» مۇشۇنداق تەدرىجىي سىڭدۈرۈش ئارقىلىق «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، ھەر مىللەت ئامما ئۆزلۈكىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇستەھكەم ئۇل تاش قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش توغرىسىدا تەشۋىق قىلىپ، تەربىيە بېرىپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمەن.