ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغىرىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ كادىرى گۈلماي مىمان

日期:2019年11月13日
来源:新疆日报
【字体:

ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت. يەر شارىغا نەزەر سالساق، قايسى دۆلەت تىنچ، ئىناق بولسا، شۇ يەردىكى خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، قايسى دۆلەتتە بۆلۈنۈش، داۋالغۇش بولسا، شۇ يەردىكى خەلق بالايىئاپەتكە ئۇچراۋاتىدۇ.

پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولمىسا، شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭغاندىلا، ئاندىن پارلاق ئىستىقبالغا ۋە گۈزەل كەلگۈسىگە ئېرىشەلەيدۇ.

بىز تەستە قولغا كەلگەن بۇ بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك.

مەن گۈزەل پامىر ئېگىزلىكىدە تۇغۇلدۇم، ئاتا - ئانام كىچىكىمدىن تارتىپلا ماڭا پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ماڭا ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بەردى. 2010 - يىلى مەن داليەن قاتناش داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم، ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدىكى ئىنتايىن كۆپ ئىشلار ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ياتىقىمىزدا جەمئىي ئالتەيلەن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىدۇق، بىز ھەر كۈنى بىللە دەرس ئاڭلاپ، بىللە تاماق يەپ، بىللە پاراڭلىشاتتۇق، ياتاقتىكى ئاچا - سىڭىللارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئىنتايىن غەمخورلۇق قىلاتتى. بىر قېتىم مەن كېچىدە قىزىپ قالدىم، ياتاقتىكى ئاچا - سىڭىللار نۆۋەتلىشىپ ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، ئەتىسى ماڭا تاماق ئەكىرىپ بېرىپ، مېنى داۋالىتىپ، ماڭا ھەرقايسى جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلدى. گەرچە بىز بىر تۇغقان ئاچا - سىڭىل بولمىساقمۇ، لېكىن بىز بىر تۇغقان ئاچا - سىڭىلدىنمۇ يېقىن بولۇپ كەتتۇق. بەزىدە مەن دەرسكە ئالدىراپ تاماق يېيىشكە ئۈلگۈرەلمىسەم، ئۇلار تامىقىمنى ئېلىپ دەرسخانىغا ئاپىرىپ بېرەتتى. تۆت يىللىق ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا، بىز بىر - بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر - بىرىمىزگە ياردەم بېرىپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، ئورتاق ئالغا باستۇق، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتتۇق.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن دۆلەت كادىرى بولدۇم، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مېنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈژمە يېزىسى چاغرا كەنتىدە ئىككى قوشماقلاشقان تۇغقىنىم − مەمەت يۈسۈپ بىلەن گۈلسەلىمخان ناسىر بار. كۈندىلىك ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، مەن ئۇلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى چۈشەندىم. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولۇپ، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىدىم، يېتەكلىدىم.

بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، مەن باشتىن - ئاخىر پارتىيەنى قەلبىمدىكى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم ۋەزىيىتىنى قوغداشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

مەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە تېخىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىم بىلەن سىردىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلار بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتىكى ھەمتۈرتكىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئورتاق نىيەتكە كېلىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىمەن.

ھەممىمىز قول تۇتۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغىرىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشايلى!