قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى شەمشەرنى قىنىدىن چىقىرىپ جەڭ ئېلان قىلىمەن

日期:2018年12月19日
来源:天山网
【字体:

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يولۋاس باتۇر

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» يامان نىيەت بىلەن شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى بۇرمىلايدىغان بىر قاتار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، بىر قىسىم كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ، تەپتارتماستىن تارىخنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋېتىش ئارقىلىق ئاممىنى زەھەرلەپ، ۋەتەننى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى؛ ئۇلار كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقتى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى شەمشەرنى قىنىدىن چىقىرىمەن.

مەڭگۈ سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولىمەن. پاكىت شۇنى بىلدۈردىكى، كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمايتتى. بىز تىنچ دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز، تۇرمۇشىمىزنىڭ بۇنداق گۈزەل بولۇشى پارتىيەمىزنىڭ ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنتايىن مۈشكۈل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان. بىز بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، مىننەتدار قەلبىمىز بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك. مەن باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيەدە يۈكسەك دەرىجىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىمەن، سىياسىيدا قەتئىي قوغدايمەن، تەشكىلىي جەھەتتە ئاڭلىق بويسۇنىمەن، ھەرىكەتتە يېقىندىن ئەگىشىمەن. پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنى ۋە جەۋھىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن.

مەڭگۈ پارتىيەنىڭ تەدبىرلىرىنىڭ ئىجراچىسى بولىمەن. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۆزى ئۈلگە بولىدىغان، نەمۇنىچى-باشلامچى بولىدىغان يېتەكچىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، باشتىن-ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، باشتىن-ئاخىر بايرىقى روشەن، مەيدانى قەتئىي، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك، پوزىتسىيەسى كەسكىن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىغا ئۈلگە بولىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەرگىز شەكىلۋازلىق قىلماي، كەم-كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويمايدىغان» ئىستىل بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىشتا قەتئىي، كەسكىن بولۇپ، باشلامچى بولۇپ ئىجرا قىلىش بىلەن بىللە، يەنە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باشتىن-ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، باش نىشان ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي ھالدا مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش خىزمىتىدە بىر دەقىقىمۇ بوشاڭلىق قىلماسلىق، قىلچە تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي يوقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق مۇستەھكەملەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن، يېتەكلەيمەن.

مەڭگۈ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى، بۇ ئۇل تاش بىز ھەربىرىمىزنىڭ تىرىشىپ ئاڭلىق مۇستەھكەملىشىمىزگە ئېھتىياجلىق. مەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇقرالارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، پۇقرالارنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ھىمايە قىلدۇرىمەن. كەڭ ئاممىغا شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىنىڭ مىللەتلەرنىڭ ۋەتەننىڭ قوينىدا ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش تارىخى ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن ۋە تۈرتكە بولىمەن.

مەڭگۈ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتى بولىمەن. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»تە چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىدىيە ئاساسىنى تۈگەتكەندىلا، ئاندىن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە تۈپتىن زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە، چىرىتىشىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشقا تەربىيەلىشىمىز، يېتەكلىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت شەكىللەندى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىش، يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۈشكۈللۈكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.