ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن

كەلپىن ناھىيەلىك كەلپىن - خۇجوۋ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى دىلارە ئەسقەر

日期:2019年10月29日
来源:新疆日报
【字体:

مەن كەلپىن ناھىيەسىدىكى بىر ئادەتتىكى ئائىلىدە تۇغۇلغان، ئاتا - ئانام مېنى تەربىيەلەشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، مېنى كىچىكىمدىن تارتىپ دۆلەت ئورتاق تىل مەكتىپىدە ئوقۇتۇشتا چىڭ تۇردى، مەن ھەر قېتىم راۋان، ئۆلچەملىك پۇتۇڭخۇادا باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، قەلبىم پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا تولىدۇ.

2005- يىلى، مەن ئىمتىھان بېرىپ ئەلا نەتىجە بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتتۈم، شۇنىڭدىن باشلاپ جېجياڭغا ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدىم. مەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندە، پۈتۈن ئائىلەمدىكىلەر ئىنتايىن خۇشال بولدى. دادام ماڭا توختىماي تاپىلاپ مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى بولغاچقىلا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق بەختلىك، گۈزەل بولدى، مەيلى قەيەرگە بارايلى پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، تىرىشىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىڭىز كېرەك.

2009- يىلى مەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزۈپ، جېجياڭ سانائەت داشۆسى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئاخباراتچىلىقى كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، يەنە گۈزەل جېجياڭدا تۆت يىللىق ياشلىق چاغلىرىمنى ئۆتكۈزدۈم. 2013- يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندە، مەن جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەيدە قېلىش ياكى يۇرتۇمغا قايتىشنى تاللاشقا دۇچ كېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا «غەربىي رايونغا بېرىش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش» چاقىرىقى بويىچە، مەن يەنىلا يۈك - تاقلىرىمنى يۈدۈپ يۇرتۇمغا قايتىپ، كەلپىن ناھىيەسىدە يېزا - بازار مەمۇرى بولدۇم. 2017- يىلى 3- ئايدا، مەن تەشكىلنىڭ ئىشەنچى ھەم مۇھىم تاپشۇرۇقى بىلەن كەلپىن - خۇجوۋ باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ خىزمەت قىلدىم.

مېنىڭ داشۆدە ئۆگەنگىنىم رادىيو - تېلېۋىزىيە ئاخباراتچىلىقى كەسپى بولغاچقا، ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن بۇرۇن رادىيو - تېلېۋىزىيە تەھرىرلىكى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئىمتىھان بېرىپ ئېلىشىم كېرەك ئىدى. توردا تىزىمغا ئالدۇرۇش، نەق مەيداندا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئاخىرلىشىپ ئىمتىھان بېرىشكە يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالغاندا، جېجياڭ ئۆلكىلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالدىم، تېلېفوندا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلار ئۇچۇرىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، مېنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىمنى بايقىغانلىقىنى، ئەگەر دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىشىم قىيىن بولسا، مېنى ئۇيغۇرچە ئىمتىھان قەغىزى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئۈرۈمچىدىكى ئىمتىھان مەيدانى بىلەن ماسلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەينى ۋاقىتتا قەلبىم بىر خىل ئىللىق تۇيغۇغا چۆمدى، دەرھال مۇنداق دېدىم: «ھېچقىسى يوق، ھېچقىسى يوق، مەن كىچىكىمدىن دۆلەت ئورتاق تىل مەكتىپىدە ئوقۇغان، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بېرىشىمدە تامامەن مەسىلە يوق.» تېلېفوننى قويۇپ، مەن پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ناھايىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن تەسىرلەندىم، شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىمكى، بىر جۇڭگو پۇقراسى، 56 مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پەقەت دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگەنگەن، ياخشى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش بىلەن بىللە، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن.

پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن - ئاخىر سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مەركىزىي ھالقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى مائارىپ ئوقۇش - ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەكتەپنىڭ مائارىپ ئاساسىي بازىسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يادرو قىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى مائارىپنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» «سىز ئۆيۈمگە كېلىپ ساڭزا يەڭ، مەن ئۆيىڭىزگە بېرىپ يۆبىڭ (زۇڭزا) يەي» قاتارلىق ھېسسىيات يۇغۇرۇلغان ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرىمەن. ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنى ماركسىزملىق «بەش قاراش»، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە پائال يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن.