رىسالەت داۋۇت:

بىر يىڭنە - بىر يىپ ئارقىلىق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش

日期:2019年11月01日
来源:新疆日报
【字体:

«پانۇسلار دۆلەت بايرىمىنى خۇشال كۈتۈۋېلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ يېرىگە بىر جۈپ ئانار كەشتىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا ۋەكىللىك قىلىندى...» 10- ئاينىڭ 10- كۈنى، رىسالەت داۋۇت مۇخبىرغا: «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» مەرۋايىت كەشتە ئەسىرىنىڭ مەنىسىنى بايان قىلدى.

بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن رىسالەت قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ جىگدە قوۋۇق كەنتىدىكى بىر ئاددىي كەنت ئاھالىسى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، رىسالەت توققۇز ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، گۈرۈچ دانىسى چوڭلۇقىدىكى 240 مىڭدىن ئارتۇق رەڭلىك مەرۋايىتتىن بىر يىڭنە - بىر يىپتىن ئۇزۇنلۇقى 1.2 مېتىر، كەڭلىكى بىر مېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن تۆت كىلوگىرام كېلىدىغان «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن مەرۋايىت كەشتە ئەسىرىنى كەشتىلەپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان تىلىكىنى ئىپادىلىدى.

بۇ، رىسالەتنىڭ بىرىنچى قېتىم كەشتە ئەسىرى ئارقىلىق پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىشى ئەمەس. 2005- يىلىدىن ھازىرغىچە، رىسالەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «جۇڭگو خەرىتىسى» «تىنچ جۇڭگو» «ئىناق شىنجاڭ» قاتارلىق 11 پارچە مەرۋايىت كەشتە ئەسىرىنى تاماملاپ، ھەربىر پارچە مەرۋايىت كەشتە ئەسىرىدە پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

2012- يىلى قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئاپتوبۇستا ئولتۇرغان رىسالەت دېرىزىدىن قار - شىۋىرغاندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىنى كۆرۈپ، قاتناش ساقچىلىرىغا پېتەك تىكىپ بېرىشنى قارار قىلدى. ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، رىسالەت كىيىم ئىشكاپلىرىنى ئاختۇرۇپ كونا كىيىملىرىنى تېپىپ چىقىپ، پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، قولنى كۆيدۈرگۈدەك كاڭغا يېيىپ، ئۈستىگە تەييار قىلغان يېلىمنى سۈركىدى، بىر قات يېلىم سۈرۈپ، بىر قات رەخت قويدى، يەنە بىر قات يېلىم سۈرۈپ، يەنە بىر قات رەخت قويدى...

ئىككىنچى كۈنى، رىسالەت قۇرۇغان رەختتە قايچا بىلەن ئاياغ چەمى شەكلىنى كېسىپ چىقىپ، ئاخىرىدا تويىغا سېلىنغان كىيىم تىكىش ماشىنىسى بىلەن چۆرىسىنى چولىدى.

شۇنداق قىلىپ، رىسالەت كېچە - كۈندۈز دېمەي يېرىم ئاي ئىشلەپ، 300 جۈپ پېتەك تىكىپ، قومۇل شەھەرلىك قاتناش ساقچىلىرى چوڭ ئەترىتىگە ئاپىرىپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، رىسالەت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاتناش ساقچىلىرىغا نەچچە مىڭ جۈپ پېتەك تىكىپ بەردى.

2013- يىلى، رىسالەت پۇقرا تەشۋىقاتچى بولۇپ، ئاددىي - ساددا تىلى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزدى.

بۇلتۇر 6 - ئايدا، رىسالەت ھۆكۈمەت تەقسىملەپ بەرگەن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، ھەر ئايدا يەنە 491 يۈەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالالايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ھازىرغىچە باسقان ھەربىر قەدىمى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدىكەن.