يۇرتىمىز ئۆزگىرىپ گۈزەل، باياشات بولدى

كەلپىن ناھىيەلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ كادىرى باھارگۈل ئەھەت

日期:2019年09月19日
来源:新疆日报
【字体:

مېنىڭ يۇرتۇم كەلپىن ناھىيەسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، «چامغۇر يۇرتى» «تۆگە يۇرتى» «ئۆرۈك يۇرتى» دېگەن چىرايلىق ناملىرى بار.

مەن كەلپىندە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم، يۇرتۇمدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم.

«بىر كاناي بىلەن پۈتۈن ناھىيەگە ئاڭلىتىش، بىر كوچىدا يەتتە چىراغ بولۇش.» بۇ ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ كەلپىن ناھىيەسىگە يىغىنچاقلاپ بەرگەن باھاسى. ئېسىمدە قېلىشىچە، باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، يوللار ھەمىشە ئوڭغۇل - دوڭغۇل ئىدى، كەچتە تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە پەقەت كىرسىن چىراغ ياندۇراتتۇق، ئادەم ۋە چارۋا بىرلىكتە كۆل سۈيى ئىچەتتۇق، قاتناش قورالىمىز ئېشەك ھارۋىسى بولۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدىمۇ ئېشەككە تايىناتتۇق.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشقا ئەگىشىپ، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، بۈگۈنكى كەلپىن ناھىيە بازىرى ئۆزگىرىپ ناھايىتى گۈزەل بولۇپ كەتتى، ئوڭغۇل - دوڭغۇل توپىلىق يوللار ئاللىقاچان كەڭ، پاكىز ئاسفالت يوللارغا ئۆزگەردى، دەل - دەرەخلەر، گۈل - گىياھلار كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ، يول بويلىرىغا يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى. كىشىلەر ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيلەردىن قاتار كەتكەن رەتلىك ئۆزگىچە ئولتۇراق بىنالارغا كۆچۈپ كىردى؛ پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدە دېھقان - چارۋىچىلار ئاممىسى ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىدىكىلەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى؛ ئالاقىلىشىش تېخىمۇ قولايلاشتى، تېزلەشتى، يان تېلېفون كىشىلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىسىگە ئايلاندى.

ھازىر كەلپىن ناھىيەسى ئۆزگىرىپ بارغانسېرى ئاۋاتلاشتى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ تىنچ - خاتىرجەم، بەختلىك بولدى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەلپىننىڭ يېزا - كەنتلىرىنىڭ قىياپىتىمۇ پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى. پۈتۈن جەريانلىق ۋاكالىتەن بېجىرىش كەنت ئاھالىلىرىنى ناھايىتى زور قولايلىقلار بىلەن تەمىنلىدى؛ «ئىش بولسا ئاۋۋال خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى ئىزدەش» بىر خىل ئادەتكە ئايلاندى، چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى، ھەممىسى ھەل قىلىندى؛ «تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» كەنت ئاھالىلىرىدە كەنت ئىشلىرىغا قاتنىشىش زور قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلدى، ھەر يىلىدىكى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى كەنتلەردە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يۇرتداشلار ئەتىگەندىلا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، ئاستا - ئاستا چىقىرىلىۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا نەزەر سېلىپ، بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى تەبىئىي پەيدا بولدى؛ ھەر ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى، دېھقان - چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىق دەرسخانىسى ۋە تۈرلۈك تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشمۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچەيدى، ئىشلەمچىلەرنىڭ كىرىمى ئاشتى؛ كەنت مەدەنىيەت مەيدانى، پائالىيەت ئۆيى، كۇتۇپخانا قاتارلىق سورۇنلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرى تولۇقلاندى ھەم دائىم مول، رەڭدار ئاممىۋى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ھەر مىللەت ئامما ئەڭ ياقتۇرىدىغان سورۇنغا ئايلاندى.

يۇرتۇم ئۆزگەردى، ئۆزگىرىپ گۈزەللەشتى، ئۆزگىرىپ باياشات بولدى. كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم ئىنتايىن شادلىققا تولدى، ئۆزۈمنى ھەم خۇشال ھەم بەختلىك ھېس قىلدىم. مەن يۇرتۇمنىڭ پارتىيەنىڭ نۇرىغا چۆمۈلۈپ بارغانسېرى گۈللىنىشىگە، ۋەتىنىمىزنىڭ بارغانسېرى قۇدرەت تېپىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.