دائىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىدە ساقلاش دائىم مىننەتدار بولۇپ ئىش قىلىش

توقسۇ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئەخەت مىجىت

日期:2019年09月17日
来源:天山网
【字体:

مەن كىچىكىمدىن يېزىدا ياشىغان، خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىنمۇ ئالدى بىلەن يېزا - بازاردا خىزمەت قىلدىم. يېزا - بازاردا خىزمەت قىلغان ئون نەچچە يىلدا، مەن ھەر مىللەت ئاممىسىدا كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ ۋە يۈرۈش - تۇرۇش جەھەتلەردە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىگە گۇۋاھ بولدۇم، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.

1996- يىلى مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم. يېزا - بازاردا خىزمەت قىلىش جەريانىدا، مەن يوللارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئەڭ روشەن ھېس قىلدىم. ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان ۋاقىتتا، كەنتكە چۈشۈپ ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، ۋېلىسىپىت مىنىپ باراتتىم، ئىلگىرى كەنتتىكى يوللارنىڭ كۆپىنچىسى توپا يول ئىدى، يامغۇر ياغسا ياكى قار ياغسا يوللار پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، ئامالسىز كەنتتە يول يۈزىنىڭ قۇرۇشىنى ساقلاپ تۇرۇپ ئاندىن يېزىغا قايتاتتىم. يوللار تار بولغاچقا، سىرتتىن چوڭ ئاپتوموبىللار كىرەلمەيتتى، كەنت ئاھالىلىرىمۇ يەرلىرىگە تېرىغان تاۋۇز، لازا، شوخلا قاتارلىق مېۋە، كۆكتاتلىرىنى سىرتقا توشۇپ چىقىرالمايتتى. ھازىر كەنتلەرگە ئاسفالت يوللار تۇتاشتۇرۇلدى، يوللار كېڭەيتىلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىغان مېۋە، كۆكتاتلىرى سىرتقا ئوڭۇشلۇق توشۇپ چىقىرىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى. دېھقانلار بېيىدى، يېزا - كەنتلەر گۈزەللەشتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە ئۆستى.

ھازىر ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ئىدارىلەردە دائىم كادىرلارنىڭ: «مەن بۇ ھەپتە يېزىغا بېرىپ تۇغقىنىمنى يوقلىدىم، ئۇنىڭ ھويلا - ئارانلىرى بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ» دېگىنىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ؛ كەنتتە دائىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ: «تۇغقىنىم ئۆيگە كەپتۇ، مەن ئۇنىڭدىن يەنە يېڭى بىلىم ئۆگىنىۋالدىم» دېگىنىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق، لېكىن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار تۇغقانلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇلار بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە پاراڭلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتىدىغان مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. ھازىر دېھقانلار ئاشلىق تېرىسا ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىدۇ، باقمىچىلىق قىلسا ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشىدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالسا ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ، ئۆي سالسا ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا تۆۋەن كاپالەت بار، داۋالانسا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، «بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان» كىشىلەر دۆلەت تەرىپىدىن بېقىلىدۇ، بالىلار مەكتەپكە كىرسە ئوقۇش ھەققى تاپشۇرمايلا قالماي، يەنە ھەقسىز ياتاق ۋە چۈشلۈك تاماق بار، تۇرمۇش كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى كۈنسېرى يۈكسەلدى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ئارقا - ئارقىدىن خۇشاللىقلار بولدى. بۇ بارلىق نەتىجىلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان خالىس ياردىمىنىڭ پايدىسىدىن بولغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ تىرىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولغان.

دائىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىدە ساقلاش، دائىم مىننەتدار بولۇپ ئىش قىلىش. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن. ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن بارغانسېرى گۈزەل بولىدۇ.