پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى قەلبىمگە چىڭ پۈكۈپ، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمەن

مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋۇ يەنلىن

日期:2019年09月09日
来源:天山网
【字体:

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىللىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايتىلاپ قارىساق، بىر جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن ۋە پەخىرلىنىمەن.

مەن 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىمدا، ماددىي ئەشيا ناھايىتى قىس، تاماق مەسىلىسى ئەڭ چوڭ مەسىلە ئىدى. تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئائىلەمدىكىلەر كۆپ قېتىم مېنى تاغامنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ قەھەتچىلىكتىن ئۆتكەن. مەن مەكتەپكە كىرگەندە مەكتەپنىڭ دەرسخانىلىرى يېتىشمەيتتى، ئەينى چاغدا ئىشلەپچىقىرىش دادۈيى كالا قوتىنىدىكى قىغنى قوپۇرۇپ، ئىككى تەرىپىگە داڭگال قويۇپ، ئۈستىگە بەش - ئالتە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاختاينى قويۇپ پارتا قىلىپ بەرگەن؛ ئوقۇغۇچىلار لاي داڭگالنى ئورۇندۇق قىلغان؛ ئوقۇتقۇچىلارمۇ كەمچىل بولغاچقا، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ۋاكالىتەن دەرس ئۆتەتتى. 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلىغا چۆمۈلۈپ، مەن بىر كەسپىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم، يېپيېڭى ئوقۇتۇش بىناسىدا ياخشى ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلدىم. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، پارتىيە تەشكىلىنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە، مەن ئادەتتىكى كادىردىن ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم.

70 يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەمىز دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئۆسۈپ، تۇرالغۇمىز كېسەك ئۆيلەردىن كەڭ، ئازادە، يورۇق بىنا ئۆيلەرگە ئۆزگەردى؛ قاتناش قورالىمىز ئەسلىدىكى ۋېلىسىپىت، ئېشەك ھارۋىسىدىن ھەممە كەنتلەرگە قاتنايدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا تەرەققىي قىلدى، بەزى كىشىلەر ئائىلىسىگە يەنە كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدى؛ پاتقاق يوللار كەڭ، تەكشى ئاسفالت يوللارغا ئۆزگەردى؛ خەۋەرلىشىش تور دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، بارمىقىمىزنى مىدىرلىتىپلا مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى كىشىلەر بىلەن سىنلىق سۆزلىشەلەيدىغان بولدۇق؛ مائارىپ، سەھىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. بىز تىنچلىق يىللىرىدا تۇغۇلۇپ، قىزىل بايراق ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئۈزلۈكسىز بەھرىلىنىۋاتىمىز. كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى باياشات تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. مەن پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى قەلبىمگە چىڭ پۈكۈپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئۆمۈرلۈك ئېتىقادىم قىلىپ، سادىقلىق بىلەن پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەجبۇرىيىتىم، دەپ بىلىمەن، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش پارتىيە ماڭا تاپشۇرغان بۇرچ. بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بولىدۇ، يېڭى دەۋردە تۈرلۈك يېڭى خىرىس، يېڭى بۇرچ ئالدىدا، مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ ياخشى كادىرى، خەلقنىڭ ياخشى چاكىرى بولىمەن.

مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.