«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن

日期:2018年12月09日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرى گۈلنار كەنجى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان ئۈزۈلمەس چۇقانلار، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان ياڭراق سادالار قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىماقتا. بۇ چۇقان ۋە سادالاردا ھەقىقىي ھېسسىياتتىن باشقا، يەنە يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندە، كەسكىن سىناققا دۇچ كەلگەندە، مەن قانداق قىلسام تەۋرەنمەس كومپارتىيە ئەزاسى بولالايمەن؟ دېگەن چوڭقۇر ئويلىنىشمۇ بار.

مەن بىر پارتىيەلىك كادىر، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئالغا بېسىشىم پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدىن ئايرىلالمايدۇ. قەلبىمدە باشتىن- ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە چەكسىز چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار.

«ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە تەلۋىلەرچە قارشى تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، قانۇننى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى، ھەتتا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تارقاتتى، سىڭدۈردى. كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئالدىدا بىر خىل گەپ قىلىپ، كەينىدىن يوشۇرۇنچە يەنە بىر خىل ئىش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئەسكىلىك قىلدى، بەزىلىرى «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلدى، ۋەقە تۇغدۇردى؛ بەزىلىرى زوراۋان- تېررورچىلار بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈردى، ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى بىۋاسىتە تەشكىللىدى، پىلانلىدى. «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنىڭ دۆلەتكە ۋە خەلققە بالايىئاپەت كەلتۈرىدىغان چېكىدىن ئاشقان جىنايىتى چوقۇم قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ!

مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، پارتىيەۋىلىكنى تەكىتلەش، دادىل مەسئۇلىيەتچان بولۇش مېنىڭ بۇرچۇم. «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» كەسكىن ۋەزىيەتتە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، مەن كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

نۆۋەتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات- ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، بىر يۈرۈش ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى كەينى- كەينىدىن ئېتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ھەيۋىسىنى قاتتىق يەرگە ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقىنى تارايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاممىغا ماس كېلىدىغان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق خەلققە مۇلازىمەت قىلىدىغان، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە پايدىلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئىككى پان» ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن، ئىشنى ئۆزۈمدىن، ئۇششاق ئىشلاردىن باشلاپ، ئىدىيەمنى ئۆزگەرتىمەن، قارىشىمنى ئۆزگەرتىمەن، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تازىلاشنى كونكرېت ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەمدە زور ئازاد بولۇپ، قارىشىمدا زور بۇرۇلۇش ياساپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە تونۇشۇم ۋە سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە مۇتلەق سادىق بولۇپ، تەۋرەنمەس، لاياقەتلىك كومپارتىيە ئەزاسى بولىمەن.