پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ھەمراھ بولدى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ماڭا كۈچ بەردى

日期:2019年08月27日
来源:天山网
【字体:

توقسۇ ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس نۇرنىسەم تىلىپ

مەن توقسۇدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بالىلىق چاغلىرىمدا ئائىلىمىزدە نوپۇس كۆپ، كىرىم ئاز ئىدى، پۈتۈن ئائىلىدىكى سەككىز جان دادام بىر ئادەمنىڭ مائاشىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، كۈنلىرىمىز قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. دادام كىچىك ۋاقتىمىزدىن تارتىپلا بىزگە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى، دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئىگىلىگەندە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇشقا قولايلىق، كەلگۈسىدە خىزمەت تېپىشمۇ ئاسان بولىدۇ، دەپ تەربىيە بېرەتتى. ئائىلىمىزدىكى ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىل ھەممىمىز كىچىك ۋاقتىمىزدىن تارتىپلا مەھەللىدىكى خەنزۇ مىللىتى، خۇيزۇ مىللىتىدىن بولغان كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئۆگىنىشنى، بىللە ئويناشنى ياخشى كۆرەتتۇق، ئۇسساپ كەتسەك، قورسىقىمىز ئاچسا قايسىلا قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرسەك، ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرۇپ، قورسىقىمىزنى تويغۇزالايتتۇق، ئارىمىزدا ھېچقانداق ئارازلىق يوق ئىدى. داۋاملىق بىللە ئوينىغاچقا، بىز ھەربىر بالا دېگۈدەك دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان سۆزلىشەلەيتتۇق.

مېنىڭ ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە، كىچىك ۋاقتىمدىكى دوستۇم جياڭ شىنخۇانىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى ياڭ گۇيفاڭ بولۇپ، بىز بىر توپ بالىلار ئۇنى ياڭ ھامما، دەپ ئاتايتتۇق. ئۇدۇل كېلىپ قالغىنى شۇكى، بىز ئىككىلا ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يوغان بىر تۈپتىن ئۈجمە دەرىخى بار ئىدى، ياڭ ھاممامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكىسى قارا ئۈجمە دەرىخى، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىكىسى ئاق ئۈجمە دەرىخى ئىدى. ھەر يىلى ياز پەسلى كېلىشى بىلەنلا، بىز بىر توپ بالىلار ئۈجمىنىڭ تېزرەك پىشىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتۇق. 5- ئاي كەلگەندە، دانە - دانە توق ئۈجمىلەرنىڭ ئېقى كىرىستالدەك يالتىراپ تۇراتتى، قارىلىرى پارقىراپ تۇراتتى، چوڭراق بالىلار ئاتا - ئانىسىنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ دەرەخكە يامىشىپ ئۈجمە يەيتتى، بىز كىچىك بالىلار قاچان ئۈجمە چۈشەر، دەپ قاراپ تۇراتتۇق. ئانام ئۆيدىن شالدىرشاپ ئېلىپ چىقسا، بىرنەچچە بالا بىرەيلەن بىر ئۇچىدىن تۇتاتتۇق، ئانام بىر تال ئۈجمە شېخىنى تارتىپ كۈچەپ لىڭشىتاتتى، دانە - دانە پىشىپ مەي بولغان ئۈجمىلەر تورۇكلاپ چۈشەتتى. دەرەخ سايىسىدە، ياڭ ھاممام ئۆيىدىن كەمپۈت، پېچىنىلەرنى ئېلىپ چىقاتتى، ئانام ساڭزا، پىرەنىكلەرنى ئېلىپ چىقاتتى، بىر توپ چوڭ - كىچىكلەر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئۈجمە يەيتتۇق، پىرەنىكلەرگە ئېغىز تېگەتتۇق، ئۇ مەنزىرىنى تا ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايمەن. كېيىن، جياڭ شىنخۇا خىزمەتكە قاتناشتى، مەنمۇ ئىلگىرى - كېيىن يېزا (بازار)، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئىدارىلەرگە بېرىپ خىزمەت قىلدىم، خىزمەت ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك ئانچە كۆپ يۈز كۆرۈشەلمەيتتۇق، لېكىن بىرەر مەزگىل ئۆتسىلا، بىز تېلېفونلىشىپ بىللە تاماق يەپ پاراڭلىشىشقا كېلىشەتتۇق، مەن جياڭ شىنخۇا بىلەن بالىلىق مەزگىلدە ئورناتقان دوستلۇق بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى، بىزنىڭ دوستلۇق گۈلىمىز تىيانشان قار لەيلىسىدەك پاك، غۇبارسىز بولۇپ، مەڭگۈ پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

2008- يىلى، مەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغاندا، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش جەريانىدا سېسترالار باشلىقى ليۇ دۇڭمېي بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. تەكشۈرتۈش تۈگىگەندىن كېيىن مەن توقسۇغا قايتىپ كەلدىم، بىر ھەپتىدىن كېيىن دوختۇرخانىدىكىلەر ماڭا تېلېفون قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىمنىڭ سەل مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، قايتا تەكشۈرتۈشۈم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن مەن گاڭگىراپلا قالدىم، خېلى ئۇزاققىچە ئەسلىمگە كېلەلمىدىم. مەن ئەمدىلا تونۇشقان سېسترالار باشلىقى ليۇ دۇڭمېيغا تېلېفون قىلدىم، تېلېفوننىڭ يەنە بىر ئۇچىدىكى ليۇ دۇڭمېي ماڭا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېدى: «قورقماڭ، ھازىر داۋالاش تېخنىكىسى شۇنداق تەرەققىي قىلغان، يەنە كېلىپ تېخى ئېنىق دىياگنور قويۇلمىغان تۇرسا، سىز خاتىرجەم كېلىپ تەكشۈرتۈۋېرىڭ.» ساراسىمىگە چۈشكەن كۆڭلۈم ۋاقتىنچە تەسەللى تاپتى. ئارقىدىنلا، مەن كېچىلەپ پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتىم. مەن ھارغىن قەدەملىرىم بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ چوڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگىنىمدە، تاسادىپىي ھالدا سېسترالار باشلىقى ليۇ دۇڭمېينىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بايقىدىم، شۇ دەمدە مەن خۇددى قېرىندىشىمنى كۆرگەندەك بولدۇم. شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر يىللىق تەكشۈرتۈشتە، مەن سېسترالار باشلىقى ليۇ دۇڭمېينى ئۇچرىتىپلا تۇردۇم، ئۇمۇ ھەر قېتىم مېنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ھالىمدىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەۋەر ئالدى. 2017- يىلى، نەۋرەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كېسەل كۆرسەتكىلى بارغاندا، يەنە سېسترالار باشلىقى ليۇ دۇڭمېينىڭ خۇددى قېرىندىشىدەك غەمخورلۇق قىلىشىغا، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ئېرىشىپتۇ، بۇنىڭدىن مەن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ھازىرغا قەدەر بىز يەنە ئىزچىل ئالاقىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمىز، ئۆزئارا بىر - بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىمىز، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بولمىغىنىمىز بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىدىنمۇ ئېشىپ چۈشتى.

نەچچە ئون يىلدىن بۇيان بېسىپ ئۆتكەن يولۇمنى ئەسلىگىنىمدە، مەن پارتىيەگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، دەل پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى بىلەن، مەن ئادەتتىكى ئىشچىنىڭ بالىسىدىن قەدەممۇقەدەم ھاكىم دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ۋەتىنىمىزدە يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، يۇرتۇمدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، سىرتتا ئىشلەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر قايتىپ كېلىپ يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران بولۇشتى. ھەر مىللەت يۇرتداشلار ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈۋاتىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ دانا، ئۇلۇغ رەھبەرلىكىدىن بولغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولغان. بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان بىز بەختلىك، خۇشال. بىز مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز!