پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى

日期:2019年08月22日
来源:天山网
【字体:

كەلپىن ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى ئايشەم مەمەت

«پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن»، بۇ بىر جۈملە سۆز ئاددىي شوئار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەن بەزى ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، چىن قەلبىمدىن ئۇرغۇپ چىققان ھەقىقىي تەسىرات.

مەن بىر ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئوڭۇشلۇق ھالدا رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولدۇم. مەن جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇغۇلغان، شىمالىي شىنجاڭغا كېلىپ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر مىللىتىدىن باشقا، پەقەت خەنزۇ مىللىتى ۋە خۇيزۇ مىللىتى بىلەنلا ئۇچرىشىپ باققان. رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇغاندىن كېيىن، مەن تېخىمۇ كۆپ مىللەتتىن بولغان ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللار بىلەن تونۇشتۇم، بىز ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى خۇددى بىر ئائىلىدىكى بالىلاردەك بىللە ئۆگەندۇق، بىللە تۇرمۇش كەچۈردۇق، بىر - بىرىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدۇق، بىز ساۋاقداش، دوست، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇرۇق - تۇغقان. مېنىڭچە، بۇ، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىن چىققان بالىلارنىڭ بىر - بىرىگە ھەمراھ بولۇشنى قەدىرلەشنى تېخىمۇ بەكرەك بىلىشىدىكى، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى تېخىمۇ بەكرەك بىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك. بىزدە مىللەت ئايرىمىسى يوق، پەقەت ياخشى ئۆگىنىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا ۋە بىز ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز بەدەل تۆلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا جاۋاپ قايتۇرۇشنىلا ئويلايمىز. بىز ھەربىرىمىز بىللە ئۆگەنگەن، بىللە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاشۇ كۈنلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز.

ئىچكىرىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، مەن سىنىپتىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىدىم، دەرستىن چۈشۈش بىلەنلا ساۋاقداشلىرىم كېلىپ مېنى ئورىۋېلىپ، مەندىن ئۇنى - بۇنى سورايتتى. ئەسلىدە مەن ئانچە گەپ قىلىپ كەتمەيدىغان، سەل ئىچ مىجەز ئىدىم، لېكىن ساۋاقداشلىرىمنىڭ قىزغىنلىقى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. مەكتەپكە يېڭى كىرگەندىكى ناتونۇش مۇھىتقا كۆنەلمەسلىك پىسخىكىسى ئاستا - ئاستا تۈگىدى، يۇرت ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن ئايرىلىش، ھېچكىمنى تونۇماسلىق، ھېچ يەرنى بىلمەسلىكتىن پەيدا بولغان يالغۇزلۇق تۇيغۇسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ غايىب بولدى. سىنىپىمىزدىكى ساۋاقداشلار ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن بولۇپ، مىجەز - خاراكتېرى ئوخشىمايتتى، جەنۇبلۇق ساۋاقداشلار بىرقەدەر مۇلايىم بولۇپ، ئۆزىگە ئىشىنەتتى، شىماللىق ساۋاقداشلار بىرقەدەر سەمىمىي، تۈز كۆڭۈل ئىدى، لېكىن دەل شۇنداق بولغاچقا، مېنىڭ ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشۇم شۇ قەدەر مول، رەڭدار ۋە قىممەتلىك بولدى. مەن ساۋاقداشلىرىمدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، گۈزەل تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا ئۇلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

مېنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ خىزمەت قىلىۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولاي دېدى. مەن دائىم پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلمىغان بولسا، مەن يەنە قانداق ھالەتتە بولار ئىدىم، دەپ ئويلايمەن؟ مەن ئۆزۈمنىڭ شۇنداق ياخشى سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشال، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدىم، بۇ مېنى ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىگە، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە قىلدى. مېنىڭ تەسىرىمدە، ھازىر سىڭلىم جياڭسۇ ۋۇشىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇمۇ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، داۋاملىق ئىچكىرى ئۆلكىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدى. بالىلارنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش بىر ئادەتتىكى دېھقان ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئىقتىسادىي جەھەتتە خېلى ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ئاتا - ئانامنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلدى، شۇنداقلا مەن ۋە سىڭلىمنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەن بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، ئىدارىدە ئۆز خىزمىتىمنى ئۈستۈمگە ئالغاندىن باشقا، يەنە دائىم ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەيمەن. يۇرتۇمغا قايتىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ ناھايىتى زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق پارتىيەنىڭ بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈردى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا تولدۇردى. ھەر قېتىم ئاممىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇلارغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى كونا، قالاق ئىدىيەنى چۆرۈپ تاشلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۆز ئالدىدىكى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، خاتا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى قۇرۇپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇرىمەن.