مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى

日期:2019年08月15日
来源:天山网
【字体:

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى

جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى قەشقەر شۆبە بانكىسى تىجارەت بۆلۈمى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر جوۋ فېڭچىن

مەن قەشقەردە تۇغۇلغان، كېيىن ئاتا - ئانامنىڭ خىزمىتى يۆتكەلگەنلىكتىن ئائىلىمىز بويىچە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ۋۇچى يېڭى كەنتى (ئەسلىدىكى بىڭتۇەن يېزا ئىگىلىك 3- شىسىنىڭ شى ئىشتابى)گە كۆچۈپ كەلدۇق. خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن كۆپ قىسىم ۋاقىتتا مەن جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىي تارىم نېفىتلىكى تارماق بانكىسىدا خىزمەت قىلدىم، كېيىن يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كوناشەھەر ناھىيەلىك، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك، قەشقەر شەھەرلىك سودا - سانائەت بانكىسىدا خىزمەت قىلدىم. ئۆسۈپ - يېتىلىش جەريانىمدا بالىلىقتىكى ھەمراھلىرىم، خىزمەت جەريانىدىكى خىزمەتداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر دوستلار بولدى، كۆپچىلىك ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.

ئىدارىمىزنى ئېلىپ ئېيتساق، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان رەھبەرلەر، خىزمەتداشلار ئىناق ئۆتىدۇ، كۆپچىلىك خىزمەت جەريانىدا ئېجىل - ئىناق ئۆتىدۇ، ياخشى ماسلىشىدۇ، خىزمەتداشلار ئارا، يۇقىرى - تۆۋەن دەرىجىلىكلەر ئارا ناھايىتى ئىتتىپاق ئۆتىدۇ. خەنزۇ خىزمەتچىلەردىن كىمنىڭ بىرنەچچە ئاز سانلىق مىللەت دوستى يوق؟ ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلەردىن كىمنىڭ بىرنەچچە خەنزۇ ھەمراھى يوق؟ ھەر مىللەت خىزمەتداشلار ئارىسىدىكى ئىشىنىش ۋە ماسلىشىش بىزنىڭ ئىناق خىزمەت كەيپىياتىمىزنى بەرپا قىلدى، «خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېگەن ئىدىيە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا مەيلى شەھەردە ياكى يېزا - كەنتلەردە بولسۇن، ھەر مىللەت خەلق قوشنا ئولتۇرىدىغان ئەھۋال ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەن كوناشەھەر ناھىيەسىدە خىزمەت قىلغان ئاشۇ بىرنەچچە يىلدا، ئۇدۇل قوشنىمىز كوناشەھەر ناھىيەلىك سودا - سانائەت بانكىسىدىن پېنسىيەگە چىققان بىر ئۇيغۇر ھەدىمىز ئىدى. بانكىدا ئىشلەيدىغانلار كۆپ ھاللاردا ئەتىگەن چىقىپ كېتىپ كەچ قايتىپ كېلىدۇ، خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، بەزىدە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ھېرىپ - چارچىغانلىقتىن تاماق ئەتكىم كەلمەي، پەقەت ئانچە - مۇنچە بىرنەرسە يەپلا بولدى قىلاتتىم. قوشنا ھەدىمىز بۇنى بىلگەندىن كېيىن كۆڭۈل بۆلۈپ، بەزىدە پولۇ، بەزىدە لەڭمەن ئېتىپ ئۆيۈمگە ئەكىرىپ بېرەتتى، قوشنىلار ئارىسىدىكى بۇ خىل ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق مېھرى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەچكە مەنمۇ دائىم مېۋە - چېۋە سېتىۋېلىپ ھەدىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ يوقلاپ تۇراتتىم.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەر ئاددىي، شۇنداقلا ئىللىق، بۇ ھېكايىلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئىتتىپاقلىق ھاياتلىق، ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق ئۈمىد، ئىتتىپاقلىق غەلىبە دېمەكتۇر. ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بىر ئائىلە ئىتتىپاق بولمىسا، قېرىنداشلار ياتلىشىپ كېتىشى مۇمكىن؛ بىر دۆلەت ئىتتىپاق بولمىسا، چاك - چېكىدىن بۆلۈنۈپ كېتىشى مۇمكىن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، ھەر مىللەت خەلق باشتىن - ئاخىر ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتۈپ كەلدى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىپ ئالغا بېسىشى، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ھەر مىللەت قېرىنداشلار قولنى قولغا تۇتۇشى، قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ھەرىكىتىمىزدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىرىمىز ئىشنى ئەتراپىمىزدىن، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپلەرنى قىلماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلماي، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى مەڭگۈ پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى!