مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى داۋاملىق پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى

日期:2019年08月02日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئۆمەر سايىت

ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا، كەنتىمىزدە ئىككى خەنزۇ ئائىلىسى بار ئىدى، بىرىنىڭ ئىسمى جاڭ خۇامىن بولۇپ، تۈگمەن ئاچاتتى؛ يەنە بىرىنى ھەممىمىز «يۇنۇس» دەپ ئاتايتتۇق، ئۇ كۆكتات تېرىيتتى. ئاتا - ئانامنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئادەتتىكى چاغلاردا كۆپ بېرىش - كېلىش قىلاتتى، ھېيت - بايراملاردا ئۆزئارا يوقلىشاتتى.

باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن چېغىمدا، ئۆيىمىزنىڭ ئەتراپىغا ئۈچ نېفىت بۇرغىلاش ئەترىتى كېلىپ نېفىت قۇدۇقى قازدى، ھەربىر بۇرغىلاش ئەترىتىدە 300 - 200 ئادەم بار ئىدى. بىز بىر توپ بالىلار دائىم بۇرغىلاش ئەترىتىگە بېرىپ ئوينايتتۇق، بۇرغىلاش ئەترىتى كىنو قويغاندا كەنت ئاھالىلىرىنىمۇ بىللە كۆرۈشكە چاقىرىۋالاتتى. مەن دائىم بۇرغىلاش ئەترىتىگە بېرىپ ئويناپ، بۇرغىلاش ئەترىتىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ياخشى دوستىغا ئايلاندىم. ئۇلار ماڭا كەمپۈت قاتارلىق ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى بېرەتتى، ماڭا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئۆگىتەتتى، مەنمۇ ئىنتايىن خۇشاللىق بىلەن ئۆگىنەتتىم.

مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقتىمدا، مەكتەپ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى دەرسىنى تەسىس قىلدى. مەن ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەندىم، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى دەرسىدىكى نەتىجەم ھەمىشە سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان ۋاقتىمدا، مەن بىر خەنزۇ ساۋاقدىشىم بىلەن پارتىداش بولدۇم، مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتتىم، ئۇ ماڭا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئۆگەتتى. ئۆيۈم ناھىيە بازىرىدىن يىراق بولغاچقا، ھەپتە ئاخىرى ياكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەيتتىم، يەنە بىللە ئۆگىنىش قىلاتتىم، بىز تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە مۇشۇنداق ئۆتتۇق. بىز بىللە ئۆگىنىش قىلىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئاكا - ئۇكىلارچە دوستلۇق ئورناتتۇق. مۇشۇ يىللاردىن بۇيان، بىز ئىزچىل ئالاقىمىزنى ساقلاپ كەلدۇق.

مەن داشۆنى پۈتكۈزۈپ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسىغا تەقسىم قىلىنىپ، دېھقانچىلىق تېخنىكى بولدۇم، يېزىدا پەقەت بىرقانچە خەنزۇ ئائىلىلىكلا بولۇپ، مەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردىم، بىز دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ دوستلارغا ئايلاندۇق، ھېيت - بايراملاردا ئۆزئارا يوقلىشىپ، بىللە تاماق يېدۇق. يېزىغا خەنزۇ كادىر كەلسە، مەن تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالدىم، ئۇلار بىلەن بىللە ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇم. كۆپچىلىك خىزمەتتە، تۇرمۇشتا بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ئۆگەندۇق، مېنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىدا ئىپادىلەش ئىقتىدارىممۇ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. كېيىن، يېزىغا ياڭ جۈنرېن ئىسىملىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن بىر ھەربىي كەلدى، بىز ئىككىمىز دائىم بىللە كەنتكە چۈشۈپ خىزمەت قىلدۇق. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى يوقلاپ كەلگەندە، مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە كۈتۈۋالدىم. ئۇ توي قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنۇم بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ ئاچا - سىڭىللارغا ئايلاندى. ئۇنىڭ خوتۇنى يەڭگىيدىغان چاغدا تۇغۇتى قىيىنلىشىپ، يېنىدا ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك ئادەم يوق ئىدى، خوتۇنۇم ئۇنىڭ 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سېرىقبۇيا بازارلىق مەركىزىي دوختۇرخانىغا بېرىپ يەڭگىشىگىچە ھەمراھ بولدى، دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئۆيىمىزگە ئېلىپ كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىز ئىككى ئائىلە چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق.

مەن 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا چەت، ياقا يېزىدا تۇغۇلغان دېھقان بالىسى، قەدەممۇقەدەم ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم، مېنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىم پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن. چىن قەلبىم، چىن ھېسسىياتىم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى داۋاملىق پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن.