مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمەن

日期:2019年08月05日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ مەمەتساۋۇت ھېكىم

مەن بىر ئادەتتىكى كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1975- يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە قاتناشقان، ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسى، مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى، رادىيو - كىنو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، سىياسىي كېڭەش، خەلق قۇرۇلتىيى قاتارلىق نۇرغۇن خىزمەت ئورنىدا ئىشلىدىم، 40 نەچچە يىللىق خىزمەت ھاياتىمدا، بىر ئادەتتىكى كادىردىن قەدەممۇقەدەم باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلىق ئىش ئورنىغا چىقتىم.

مېنىڭ ھەربىر قەدەم ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ، تەشكىلنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، خىزمەتداشلىرىمنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مېنىڭ ئىلگىرىلىشىممۇ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى پىششىق ئىگىلىگەنلىكىمنىڭ پايدىسىدىن بولغان. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشنى تىلغا ئالسام، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مۇدىرىم چېن چاڭفۇ مۇئەللىمنى ئەسكە ئالىمەن، دەل ئۇنىڭ تەلىمى ۋە تەسىرىدە، ئون نەچچە ياش ۋاقتىمدىلا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنىدىم. چېن مۇئەللىم ماڭا ئۆز بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى، ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئىدىيە جەھەتتە ماڭا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مېنىڭ ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ياخشى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئاساسى سېلىشىمغا تۈرتكە بولۇپ، مېنى ئاساسىي قاتلامدىن قەدەممۇقەدەم پۇختا قەدەم ئېلىپ ھازىرقى خىزمەت ئورنىغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

ئاپام 1969- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە بولغان ئون يىلدا، ئاغرىق ئازابىنىڭ دەردىنى تارتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بارلىق چوڭ دوختۇرخانىلارغا دېگۈدەك بارغان. 1979- يىلى، مەن ئاپام بىلەن بىللە يەنە بىر قېتىم داۋالىنىش سەپىرىگە ئاتلىنىپ، شاڭخەي شەھەرلىك 6- خەلق دوختۇرخانىسىغا باردىم. بىزنىڭ چېگرا رايوندىن داۋالىنىشقا كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ، دوختۇر - سېسترالار بىزگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، بىزنى داۋالاش بايلىقىدىن ئالدىن بەھرىلەندۈردى. كۆڭۈل قويۇپ دىياگنوز قويۇش ۋە تۆت ئاي داۋالاش ئارقىلىق، ئاپام سەللىمازا ساقايدى، 2011- يىلى قازا قىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىچكىرى جاينىڭ ئىلغار ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرى، تېخنىكىسى يۇقىرى دوختۇرلىرى، مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان سېسترالىرى ئاپامنىڭ ھاياتىنى يەنە 30 نەچچە يىل ئۇزارتتى.

كۆپ يىللار ئىلگىرىكى كەچۈرمىشىم كاللامدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. كېيىن مەن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلدىم، ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا تەرجىمانلىق خىزمىتىنى قىلىپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەرقايسى يېزا - بازارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك بېرىپ، قەشقەردە توپا يولنىڭ ئاسفالت يولغا ئۆزگەرگەنلىكى، ئات ھارۋىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلغا ئۆزگەرگەنلىكى، كېسەك ئۆينىڭ خىش ئۆيگە ئۆزگەرگەنلىكى، كۆل سۈيىنىڭ تۇرۇبا سۈيىگە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى جەريانىدا، مەن ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ بارغانسېرى كەڭ، چوڭقۇر ئالاقىلەشكەنلىكى، ئالماشتۇرغانلىقى، ئارىلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم، چوڭ جەھەتتە كۆۋرۈك سېلىش، يول ياساش، ئۆي سېلىش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، كىچىك جەھەتتە تىككۈچىلىك، ساتىراشلىق قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ ھەممىسىدە ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى كەيپىيات نامايان بولدى.

پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلماقتىمەن، ھەر ۋاقىت مىننەتدارلىقنى قەلبىمگە پۈكۈپ كەلدىم. مەن تىل بىلىدىغان، سىياسەت بىلىدىغان ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شىنجاڭدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىمەن، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدار بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.