گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن

سابىق تۇرپان ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابلا يۈسۈپ

日期:2019年07月12日
来源:天山网
【字体:

مەن پىچان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئېسىمنى بىلسەم، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تاغدا پومېشچىكلارنىڭ قويىنى باقاتتۇق. ئائىلىمىزدىكى ئالتە جاننىڭ تۇرىدىغان ئۆيىمىز ۋە يېرىمىز يوق ئىدى، پەقەت دادامنىڭ پومېشچىكلارغا مەدىكارلىق قىلىشىغا تايىنىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدايتتۇق. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر مىللەت خەلق قەددىنى رۇسلاپ ئۆز ئىشىغا ئىگە بولدى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىمۇ ياخشىلىنىشقا باشلىدى.

1952- يىلى، مەن پىچان ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولدۇم؛ 1955- يىلى، مەن سىفەن مەكتەپكە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ناھىيەلىك پارتكومغا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم؛ 2002- يىلى، مەن شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىقتىم.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، دۆلەت كۈندىن - كۈنگە گۈللىنىپ، بېيىپ، قۇدرەت تاپتى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان تۇرمۇشقا ئېرىشتى، مەن يۇرتۇمدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.

ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، تۇرپاندا بىرمۇ تۈزۈكرەك تاشيول يوق ئىدى، ئەڭ ياخشى يول شېغىل ياتقۇزۇلغان قۇم - شېغىل يول ئىدى. پىچان ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇس يوق بولۇپ، پەقەت بەزى چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرىلا بار ئىدى، يۈك ئاپتوموبىلى يوق چاغلاردا ئات ھارۋىسى، ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، سەپەرگە چىقىش ناھايىتى تەس ئىدى. كېيىن پىچان ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىگە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم نۆۋەتچى ئاپتوبۇس قاتنايدىغان بولدى.

ئۇ چاغدىكى نۆۋەتچى ئاپتوبۇسنىڭ ئات كۈچى كىچىك، سۈرئىتى ئاستا ئىدى. مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى شۇكى، بىر قېتىم نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىگە بارغان ۋاقتىمدا، بىر جايدىكى چوڭ داۋانغا كەلگەندە، بارلىق يولۇچى ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، داۋاننىڭ چوققىسىغا پىيادە چىققاندىن كېيىن، ئاندىن ئاپتوبۇسقا چىقىپ داۋاملىق مېڭىشقا توغرا كەلگەنىدى. خوۋگوۋغا كەلگەندە، تېخىمۇ تىك بىر داۋان بار بولۇپ، بارلىق يولۇچى ئاپتوبۇستىن چۈشۈپلا قالماي، يەنە ياشلارنىڭ بىر پارچىدىن تاش كۆتۈرۈپ ئاپتوبۇسقا ئەگىشىپ مېڭىشىغا توغرا كەلگەنىدى. ئاپتوبۇس كەينىگە تېيىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، دەرھال تاش بىلەن چاقنى تىرەيتتى. ھازىر، تۇرپاننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەرنىڭ يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشتى، سەپەرگە چىقىش قوراللىرىدىن ئاپتوموبىلدىن باشقا يەنە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋە ئايروپىلانلار بار. ئۈرۈمچىگە بېرىشتا خالىغان ۋاقىتتا ماڭغىلى بولىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرسا ناھايىتى تېزلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

ئۆتكەن كۈنلەردە ماددىي ئەشيالار ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل ئىدى، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بېلەت ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. بالىلارغا بىر قۇر كىيىم تىكىپ بەرسەك، چوڭى كىيىپ بولغاندىن كېيىن ئىككىنچىسى كىيەتتى، ئىككىنچىسى كىيىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچىنچىسى داۋاملىق كىيەتتى. تۇرىدىغىنىمىز كېسەك ئۆي بولۇپ، شەھەر رايونىدا ئىككى قەۋەتتىن ئېگىز ئىمارەتلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرگىلى بولمايتتى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ھازىر، ئاممىنىڭ كۆك - تاق تۈرلىرى موللاشتى، كىيىنىشتىمۇ مودا ۋە سۈپەتلىك ماركا قوغلىشىدىغان بولدى. شەھەر رايونىدا رەت - رەت ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈردى، يېزا ئەمىن ئۆيلىرى ھەممە يەرنى قاپلىدى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ بەختلىك ئۆتۈۋاتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، تۇرپاننىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىقتىساد زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان، جەمئىيەت زور ئىناقلىققا تولغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. مەن غايە - ئېتىقادىمنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىمەن، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىمەن، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرىمەن. داۋاملىق تۈردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇر ياخشى قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.