مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن زور بەخت مۇجەسسەملىنىدۇ، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشىدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئارزىگۈل مەمەت

日期:2019年07月09日
来源:新疆日报
【字体:

بىر تال مەشۇتتىن يىپ چىقماس، يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس. ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى 56 مىللەتنىڭ ماس تەرەققىياتىدۇر؛ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش 56 مىللەتنىڭ پۈتۈن گەۋدە بويىچە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىدۇر؛ جۇڭگونىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى 56 مىللەتنىڭ ئورتاق بېيىپ قۇدرەت تېپىشىدۇر.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ھەر مىللەت ئامما، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق. كىشى قەلبىنى ئۇتالمىغاندا، ئىتتىپاقلىقنىمۇ ياخشى قىلغىلى بولمايدۇ.

مېنىڭ دادام پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى. ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا، ئائىلىمىز ئولتۇراقلاشقان مەھەللىگە سىرتتىن كۆپلىگەن ئىشلەمچى خادىملار كەلگەن بولۇپ، تومۇزدا ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىپ كېتەتتى، ئانام ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا قوغۇن - تاۋۇز تىلىپ، چاي دەملەپ، تاماق ئېتىپ بېرەتتى. ئەينى ۋاقىتتا يېشىم كىچىك بولغاچقا مەن قىزىقىپ: «ئانا، ئۇلار بىزنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئىشىنى قىلغىلى كەلمىسە، سىز نېمە دەپ ئۇلارغا بۇنداق قىزغىن مۇئامىلە قىلىسىز؟» دەپ سورايتتىم. ئانامنىڭ جاۋابى قەلبىمگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى، ئانام: «ئۇلار يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بۇ يەرگە كېلىپ جاپالىق ئەمگەك قىلىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈۋاتىدۇ، بىز قىزغىن مۇئامىلە قىلىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشىمىز كېرەك» دېگەنىدى. ھازىر ئويلاپ باقسام، گەرچە بۇ بىر ئاددىي سۆز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسى گەۋدىلەنگەن، يەنە كېلىپ ئاللىقاچان بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقان، بىز داۋاملىق تىرىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك.

پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسىدە ئاتا - ئانام ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ سەمىمىي تەلىمىدە مەن ئۆسۈپ يېتىلىپ بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم. مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمدا، مەن يۇرتۇمنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم، جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئائىلىسىدە ياشىغانلىقىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىمدىن چەكسىز بەخت ھېس قىلىمەن. بىزنىڭ مەكتەپنىڭ كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن كەلگەن، مەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا مىننەتدارلىق تەربىيەسى بەرگىنىمدە، ھەمىشە ئەتراپىمدا يۈزبەرگەن ئەمەلىي مىساللاردىن پايدىلىنىپ، بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىمەن: بىزنىڭ گۈزەل مەكتىپىمىزنى كۆرۈپ بېقىڭلار، سىنىپىمىزدىكى ئىلغار ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار؛ يېزىلاردىكى رەتلىك سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەرنى كۆرۈپ بېقىڭلار، نۇرغۇنلىغان دېھقان - چارۋىچى «سوقما تاملىق ئۆي»، كېسەك ئۆيلەر بىلەن خوشلىشىپ، كەڭ - ئازادە، يورۇق، پاكىز، مۇستەھكەم يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى؛ ئاغرىپ قالغاندا يەنە خاتىرجەم ھالدا چوڭ دوختۇرخانىلارغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتەلەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى سۆيۈملۈك پارتىيە بىزگە بەرگەن، بىز ھەر ۋاقىت پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ كۆپ دەيدىغان بىر جۈملە سۆز: «ئاسمان چوڭ، زېمىن كەڭرى بولسىمۇ پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە يەتمەيدۇ.» ئوقۇغۇچىلار بەس - بەستە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغانلىقىنى، پارتىيە ۋە ۋەتەننىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئەمەلىي خىزمىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىمەن. زور كۈچ بىلەن مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، سوتسىيالىزمغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. تەشۋىقات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەكتەپنىڭ تەربىيەلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار تىپلارنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمىز.