مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى تەن جيەنگو

日期:2019年07月04日
来源:天山网
【字体:

مەن پىچان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىلا ھەر مىللەت كىچىك ھەمراھلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھەر مىللەتتىن نۇرغۇن ياخشى دوست تۇتتۇم.

كىچىك ۋاقتىمدا، ئاتا - ئانامنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، بەزىدە ھالىمدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقتى يەتمىگەندە، مەن دائىم ئاز سانلىق مىللەت ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەيتتىم. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ماڭا ئۆز بالىسىدىنمۇ بەكرەك ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، ئۆيدىكى ئەڭ ياخشى يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقىپ ماڭا بېرەتتى، قىش كۈنلىرى ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرغان بىر چىنە شورپا، ياز كۈنلىرى ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان بىر تەخسە قوغۇن - تاۋۇز؛ ئۇ چاغلاردا تۇرمۇش ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى، ئارىلاپ بىرەر قېتىم گۆش پىشۇرسا، ئۇلار ھەمىشە كۈلۈمسىرىگىنىچە ئەڭ چوڭىنى تاللاپ ماڭا بېرەتتى. ھازىر ئەسلىسەم، قەلبىم ھېلىمۇ ئىللىقلىق ۋە ھاياجانغا تولىدۇ.

ھېسسىيات ئۆزئارا بولىدۇ. ھەر قېتىم ئاتا - ئانام ماڭا ئىچكىرىدىن ئېلىپ كەلگەن يېيىشلىك ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە، ھەمىشە ئاز سانلىق مىللەت ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە يەيتتىم؛ ئاتا - ئانام ھەر قېتىم ماڭا دەرسلىكتىن سىرت يېڭى كىتاب ئېلىپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ئارىيەت بېرىپ تۇراتتىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى مۇشۇنداق ئاددىي ئالاقىلىشىش شەكلى ئارقىلىق بىر - بىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئاستا - ئاستا يىلتىز تارتىپ، ئۆسۈپ يېتىلىپ، ماڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەربىر كىشىگە ئېلىپ كەلگەن بەختنى ھېس قىلدۇردى، بۇ مېنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش ۋە خىزمىتىمگە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسەتتى.

«2-ئەۋلاد شىنجاڭلىق» بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاتا - ئانام تاغلىرى يېشىل، سۇلىرى سۈزۈك سىچۇەندىن شىنجاڭغا كېلىپ، چېگرا رايوننى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى قوغداش ئېڭى كىچىكىمدىلا كاللامغا ئورناپ كەتكەن. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا تۇغۇلغان مەن شىنجاڭدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئۇلۇغ ھەم چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ مول نەتىجىلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدىيەسى قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، قان - قېنىمغا سىڭىپ كەتتى.

شىنجاڭ ھەر مىللەت ئۇزاقتىن بۇيان ئورتاق ياشاپ كەلگەن گۈزەل يۇرت - ماكان. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنى ئورتاق ئاچتى، گۈللەندۈردى. نۆۋەتتە، ھەر مىللەت خەلق ئىناق، بەختلىك داغدام يولغا تېز قەدەم ئالماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن كەلگەن، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئېلىپ كەلگەن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچتىن كەلگەن.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا بېسىشىنىڭ ئۇل تېشى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تەسىرلىك ھېكايىلەر ئىدىقۇت رايونىدا ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى، كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئامما بۇ كەڭ تۇپراققا مۇھەببەت ئۇرۇقى چاچتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەممە جايدا ئېچىلدى، بۇ بىزنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاممىۋى ئاساس سېلىش ئىشەنچىگە تېخىمۇ ئىگە قىلدى.