مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللۈكى مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمگە ھەمراھ بولدى

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى زۇلپىيە ئابدۇرېشىت

日期:2019年06月26日
来源:天山网
【字体:

دادام پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، كىچىكىمدىن تارتىپلا ماڭا كومپارتىيە بولمىسا بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى دەيتتى. شۇڭا مەن ئىزچىل تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇشنى ئويلايتتىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا، مەن سۆزلىگەن نۇتۇق تېمىسى «ۋەتەن مېنىڭ ئانام» ئىدى. چۈنكى «ئانا» دېگەن سۆزلا مېنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئەڭ سادىق، ئەڭ پاك، ئەڭ سەمىمىي، ئەڭ چوڭقۇر ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەپ بېرەلەيتتى.

باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى باشقا 12 نەپەر «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» ۋەكىلى بىلەن تۇنجى قېتىم يۇرتۇمدىن چىقىپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلدىم. تۇنجى قېتىم يۇرتۇم بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ پەرقىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلۈمدە تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغان ئادەم بولۇش نىيىتىگە كەلدىم. تولۇقسىز 3- يىللىقنى پۈتكۈزگەندە، مەن ئوبلاست بويىچە ئىككىنچى بولۇشتەك نەتىجە بىلەن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ، گۇاڭجوۋدا تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.

مەن تۇنجى قېتىم ئائىلەمدىكىلەردىن ئايرىلغاندا، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىم يېتەرسىز بولۇپ، پۇتۇڭخۇاغا پۇختا بولمىغاچقا، دەسلەپتە گۇاڭجوۋدىكى تۇرمۇش، ئۆگىنىشكە پەقەت كۆنەلمىدىم، ھەتتا ئارزۇيۇمدىن ۋاز كېچىشكە تاسلا قالدىم. بۇ چاغدا، تەييارلىق سىنىپىدىكى يى شىپىڭ مۇئەللىم ماڭا تەسەللى بېرىپ، مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش ئىشەنچىمنى قايتا تىكلەتكۈزدى.

بىزدەك شىنجاڭدىن كەلگەن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ قىزغىن ياردىمىدە بىرلىكتە ئىلگىرىلىدۇق، بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلدۇق. بىر يىل ئىچىدە، مېنىڭ ھەرقايسى پەنلەردىكى نەتىجەم شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسىي جەھەتتىن يەتتى. بۇنىڭ بىلەن مەن پەقەت نىشاندا چىڭ تۇرساملا، ئۆزۈمنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىمغا تېخىمۇ ئىشەندىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، مېنىڭ پۇتۇم كۆيۈپ يارىلانغاندا، مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلىرىم ھەر كۈنى ماڭا تاماق توشۇپ بەردى، دەرس تەكرارلىشىمغا ياردەم بەردى؛ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلىشىپ ئۆيگە قايتىش سەپىرىمدە، قىزىتمام ئۆرلەپ يانماي، ماغدۇرسىزلىنىپ پويىز ئورۇندۇقىدا ياتقان چېغىمدا، ئىككى خەنزۇ ئوقۇتقۇچى خۇددى ئۆز بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ، مېنى بىخەتەر ھالدا ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ قويدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، مېنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى تۆت يىللىق تۇرمۇشۇم ئاكتىپ كۈچكە تولدى، شۇنداقلا مەندە نۇرغۇن ئىللىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى.

مەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ نەنجىڭغا بېرىپ، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتقۇچىلار، ساۋاقداشلار ۋە دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، بىز چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتۇق. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈشتىن بۇرۇن، مەن شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردىم. ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مەكتەپ بىز بىرنەچچە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم.

خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ كوممۇنىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارى بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش مەسئۇلىيىتىم بار. ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن.