پېشقەدەملىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي، كەسكىن قارشى تۇرىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق مۇدىر تۇرغۇن ئابدۇرېھىم

日期:2019年05月13日
来源:新疆日报网
【字体:

مەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە گۇۋاھ بولدۇم. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشى بولمايتتى، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ ياشنىغان، ئىتتىپاق - ئىناق بولغان كەلگۈسى بولمايتتى.

پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى ھەربىر قەدىمىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدىن ئايرىلالمايدۇ، مەن چىن قەلبىمدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشۇمنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمەن، بۆلگۈنچىلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قەتئىي، كەسكىن قارشى تۇرىمەن، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغدايمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەققانىيەت ۋە قانۇنچىللىق ئۆتكۈر شەمشىرىنى كۆتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئېتىپ، زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقىتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ھەر مىللەت خەلق شاد - خۇراملىققا چۆمدى. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمىگەن، مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلگە پايدا يەتكۈزۈش، ئەلنى بېيىتىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تەشۋىق - تەربىيەسىنى مەردانىلىك بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەن قىلىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەيمەن.

«ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئۆسمە، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان مەنبە. ئۇلار شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۆزگە ئىلماي، دۆلەتنىڭ قانۇنىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى قەستەن سادىر قىلىپ، بىزنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن قەتئىي سىغىشالمايمىز، جەزمەن بۇ زىيانداشلارنى، مۇناپىقلارنى قىلچە رەھىم قىلماي تارتىپ چىقىرىشىمىز، تولۇق يوقىتىشىمىز كېرەك. بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، بىر كومپارتىيە ئەزاسى ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمەن.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت. بىزنىڭ ئىناق ئىجتىمائىي تەرتىپىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، بىزنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. نۆۋەتتىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك. پەقەت بىز بىر ياقىدىن باش چىقارساقلا، ھەرقايسى مىللەتلەر بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلاشساقلا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز.