دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى داۋاملىق ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن

چىرا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئادىل ئابلا

日期:2019年05月08日
来源:天山网
【字体:

پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە ۋەتەننى ئانام دەپ بىلىپ كەلدىم، مەن ۋە ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتىمىز، ئانىمىزنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىدە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ھەر مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىق مېھرىگە ئارازلىق سېلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئېقىمغا قارشى قىلمىشى ئالدىدا، بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئۆزۈمگە قويىدىغان بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ھەرگىز مۈجمەل گەپ قىلمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، باشتىن - ئاخىر بايرىقىمنى ئىنتايىن روشەن، مەيدانىمنى ئىنتايىن مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى ئىنتايىن كەسكىن قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

«ئۈچ خىل كۈچ» ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، بىز بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ غالجىرلاشقان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايى ئەپت - بەشىرىسىنى ئېنىق كۆرۈۋالدۇق. زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ قىلمىشى ئىنتايىن زەھەرخەندە، ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، تەسىرى ئىنتايىن يامان، ئادىمىيلىكنى يوقاتقانلىق، كىشىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزگە ئىلمايدىغان رەزىل ماھىيىتىنى قىپيالىڭاچ ئاشكارىلىدى، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشى ئىنسانلار مەدەنىيلىكىگە خىرىس قىلغانلىق، قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق. «ئۈچ خىل كۈچ» «مۇسۇلمانچە» ئۇقۇمىنى كېڭەيتىشنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىشنىڭ شەكلى، ئاممىنى تالىشىشنىڭ يولى، قارشىلىشىش ۋاسىتىسى قىلىپ، ھەق - ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، ئاممىغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلدى. شۇڭا بىز بۇنىڭ رېئال خەۋپىنى تولۇق تونۇپ، خاتا تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

بىرلىك سەپ سىستېمىسىدىكى بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە باشلامچىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇھىتنى تىرىشىپ ساپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئاساسىي مېلودىيەنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان پولات سېپىلنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.