مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاياللار كۈچىنى قوشايلى

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس خالىدە روزى

日期:2019年05月08日
来源:天山网
【字体:

ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسىدىكى بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئايال ئاممىنى ئورتاق تىرىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

ھەر مىللەت ئاياللارنى غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەيمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن؛ يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن؛ يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىپ، مەدەنىي كەيپىياتنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن؛ يەلكەن تارتىپ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىشنىڭ كۈرەشچىلىرىدىن بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەيمەن.

ھەر مىللەت ئاياللارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. پارتىيەنىڭ ساداسىنى ئايال ئاممىنىڭ ئارىسىغا يەتكۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئايال ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەيمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، غايەت زور ئىلھامىنى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ قىزىل گېنىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمەن. ئىش ئورنۇمدا ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، پائال تۆھپە قوشۇپ، بازىنى ياخشى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كونكرېت ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە يېتەكچىلىك قىلىمەن.

ھەر مىللەت ئاياللارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال قوغداشقا يېتەكلەيمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ھەم ھەر مىللەت ئايال ئاممىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بىز چوقۇم كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل غەرىزىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىزنى تۇغقانلىرىمىزدىن ئايرىۋېتىشىگە، بەختلىك ئائىلىمىزدىن ئايرىۋېتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز، ئۇلارنىڭ ھەر مىللەت ئاياللار ھەم بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. بىز پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختىمىز ۋە خاتىرجەملىكىمىزنى قوغدايلى. بىز تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، دوستانە ئۆتۈپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاياللار كۈچىنى قوشايلى.