پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

日期:2019年04月03日
来源:天山网
【字体:

چىرا ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ھۆرنىساخان ئوبۇلقاسىم

ئەزەلدىن تارتىپ، شىنجاڭ بىر كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەر مىللەت خەلق ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغان. ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولماقتا، خەلق تۇرمۇشى زور ياخشىلانغان، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بىراق، نۆۋەتتە شىنجاڭ يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر. مەن مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.

بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، غايە - ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىمەن، كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقانلىشىپ، دوستلىشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇپ چىقىمەن.

مەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەيدانىمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى بايقاش ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە كادىرلار قوشۇنىدا يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرمايمەن. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى بويىچە ھەر ۋاقىت ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ۋە ئۆزۈمنى چەكلەپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.