«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قاتتىق زەربە بېرىمەن

日期:2019年04月02日
来源:天山网
【字体:

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى ئادىل ئابدۇكېرىم

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، شىنجاڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق - مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بۇ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ، شىنجاڭ خىزمىتىگە قارىتا ئىلمىي ئورۇن بېكىتىش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

«ئۈچ خىل كۈچ» دۆلەتنى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تارىخىنى ھە دەپ بۇرمىلاپ، توقۇپ، ئۆزگەرتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى.

«ئۈچ خىل كۈچ» سادىر قىلغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت»ىنى كەسكىن ئېتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر، دىنىي ئەسەبىزمنىڭ سىڭىپ كىرىش، يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك توسۇلدى، جەمئىيەت ئامانلىقى ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، خەلق تۇرمۇشى خاتىرجەم، تىنچ بولدى.

بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قاتتىق زەربە بېرىمەن.

بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە مەن تۆۋەندىكىلەرنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمەن: بىرىنچى، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چوڭ ھەق - چوڭ ناھەق ئالدىدا قەتئىي ھالدا مەيدانى مۇستەھكەم، بايرىقى روشەن، پوزىتسىيەسى قەتئىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. ئىككىنچى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن. ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن.